غۇلجا ناھىيەسىدە 118 مىڭ تۇياق چارۋىنىڭ ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈشى باشلاندى

2026-03-07 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   ئەتىياز پەسلىدە تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسى غۇلجا ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار 3-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، تەخمىنەن 118 مىڭ تۇياق چارۋىنى ھەيدەپ، قىشلىق يايلاقتىنئەتىيازلىق يايلاققا كۆچۈش سەپىرىگەھەيۋەت بىلەنئاتلاندى. مىڭ يىل داۋاملاشقان بۇ ئەنئەنىۋى كۆچۈش ئادىتى چارۋىچىلارنىڭ يېڭى بىر يىللىق چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈتىۋېلىشىدىكى مۇھىم باشلىنىش.

غۇلجا ناھىيەسى مازار يېزىسىنىڭ شىمالىدىكى مىڭمارا ئورمان رايونىدا، ئەۋلىيا يېزىسىنىڭ قۇلىستاي كەنتىدىكى بېكمۇرزا مەدىن ئائىلىسىدىكىلەر قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ ئەمدىلا قۇرساي چارۋا يولىدىن چىقىشىغا، دەسلەپكى ئىككى كۈندە تاغدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، يول تېيىلغاق بولۇپ كەتتى، بېكمۇرزا مەدىن چارۋىلىرىغا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن قارىدى. ئۇنىڭ چارۋىلىرى بىر قەدەر سېمىز بولغاچقا، ئۇ ئەنئەنىۋى پىيادە كۆچۈشنى تاللىدى.

كۆچۈش سەپىرىدە.

بېكمۇرزا مەدىن بىزگە ئۆزىنىڭ جەمئىي 300 تۇياق قوي-كالىسىنىڭ بارلىقىنى، نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئاشىلى قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىدىنغۇلجا ناھىيەسىگە كۆچۈپ، جەمئىي ئۈچ كۈن ماڭغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

ئەتىيازلىق يايلاققا كۆچۈش چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى مۇھىم ھالقا بولۇپ، چارۋىلارنىڭ يېتىلىش سۈپىتى ۋە نەسلىنى ياخشىلاشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يايلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق. غۇلجا ناھىيەسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئالدىن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، قىشتىن ئۆتىدىغان چارۋىچىلار ۋە چارۋىلارنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك كۆچۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  غۇلجا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ شىنيۈەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، غۇلجا ناھىيەسى ئوتلاق كۆچۈش يولىنى بويلاپتۆت مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، چارۋىلارغا يەم-خەشەك تولۇقلاش ئۈچۈن 22 توننا يەم-خەشەك سەپلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە چارۋىچىلارمۇ مۇلازىمەت نۇقتىسىدا ئارام ئالالايدىكەن.

كۆچۈش سەپىرىدە.

ئىگىلىنىشىچە، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ چارۋىلىرى ئەتىيازلىق يايلاق كۆچۈشتە ئاساسلىقى نىلقا ناھىيەسى ۋە بورتالا موڭغول ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرى، ئارشاڭ ناھىيەسى، جىڭ ناھىيەسىنىڭ يىراق قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدىن غۇلجا ناھىيەسىگە كۆچىدىكەن، بۇ 436 ئائىلىگە چېتىلىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا پۈتۈنلەي كۆچۈپ بولىدىكەن.

(غۇلجا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرىچېن يۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرباغدەۋلېتباتۇربېك)

«ئانار بۇلۇت»تقم ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى