ۋۇجىياچۈدا 3 مىليون تۈپ كۈركۈمگۈل پورەكلەپ ئېچىلدى

2026-04-25 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرچىن مېيخۇافوتوسى، خەۋىرى) يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىۋۇجياچۈ شەھىرى چىڭگېداخۇ ساياھەت-ئىستىراھەت رايونىدا، 35 خىل سورتتىكى 3 مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۈركۈمگۈل راسا پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ئىنتايىن گۈزەلبولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى بەس-بەستە باھار سەيلىسى قىلىپ، داكا قىلىپ، ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا باھار سەيلىسى قىلىپ، گۈل تاماشا قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر بىر تەرەپتىن گۈل تاماشا قىلغاچ، بىر تەرەپتىن سۈرەتكە تارتماقتا.

بۇ يىل، مەنزىرە رايونى باغ-ئورمان مۇتەخەسسىسلىرىنى گۈل دېڭىزى مەنزىرىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىشقا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ بەلغاغسىمان ھالەتتە تېرىش بىلەن دەرەخلىك ئاستىغا تېرىشنىبىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۈركۈمگۈللەرنى ساياھەت لىنىيەسىنى بويلاپ تەبىئىي ھالەتتە يىراققىچە يېيىلدۇردى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە سەيلە قىلىپ، ھەربىرقەدەمدە ئوخشاش بولمىغانمەنزىرىدىكى رومانتىكلىقۋە ئارامبەخشلىكنى ھېس قىلدى.

بۇ يىل مەنزىرە رايونى يېڭىلىق يارىتىپ بەلباغسىمان ھالەتتە تېرىش بىلەن دەرەخلىك ئاستىغا تېرىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە سەيلە قىلىپ، ھەربىر قەدەمدە ئوخشاش بولمىغانمەنزىرىدىكى رومانتىكىلىق ۋە ئارامبەخشلىكنى ھېس قىلدى (4-ئاينىڭ 23-كۈنى تارتىلغان).

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر توكسىكىلىت ھەيدەپ مەنزىرە رايونىدا گۈل تاماشاسىقىلماقتا.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك كۈركۈمگۈل مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمىدا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پاراۋانلىقى پائالىيەتلىرى يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن مۇساپىدە كىرىش بېلىتى، ئاپتوموبىل توختىتىش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىپ، ھەقسىز گۈل تاماشاسى قىلىش پۈتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ گۈل دېڭىزىدا ئەركىن-ئازادە سەيلە قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونى يەنە ساياھەت قىلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ،NPCھەمتۈرتكە بولۇش، قىزىقارلىق كۆڭۈل ئېچىش، گۈزەل-سەنئەتلىك قۇرۇلۇشلارنىداكا قىلىش، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، ناخشا-ئۇسسۇل سەيلىسى، تەتقىقات-ئۆگىنىشنى ھېس قىلىش قاتارلىق مول كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، بىرلا خىل گۈل تاماشا قىلىش ئەندىزىسى بىلەن خوشلىشىپ، كۆپچىلىككە باھار مەدەنىيەت-ساياھىتىنىڭ ئۆزگىچە خۇشاللىقىنى چۆكمە شەكىلدە ھېس قىلدۇردى.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، 35 خىل سورتلۇق 3 مىليون تۈپتىن ئارتۇق كۈركۈمگۈل ئېچىلماقتا.

4-ئاينىڭ 23-كۈنى، ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى