4-ئايدىكى شىنجاڭ S101 تاشيولى باھاردا زېمىنغا يېيىلغان ئاجايىپ گۈزەل رەسىم كارىدورى بولغانىدى. تاشيول ئەگرى-بۈگرى سوزۇلۇپ دەنشيا تاغلىرى ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتەتتى، قىزىل قىيا تاشلار بىلەن ئەمدىلا ياشارغان يېڭى يېشىللىق بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى؛ يىراقتىكى قارلىق چوققىلار، يېقىندىكى زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلار گەۋدىلىنىپ تۇارتتى. نۇر، سايىلەرنىڭ ئالمىشىشى ئاستىدا، چۆل-باياۋان، ئوتلاق ۋە جىلغىلار بىر-بىرلەپ يېيىلىپ، تاغ-دەريالارنىڭ ھەيۋەتلىكلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى. ھەربىر كۆرۈنۈشتە باھاردىكى ئاۋات مەنزىرە نامايان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ھەيۋەتلىكلىكى ۋە مۇلايىملىقى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.








(ئاپتورلار: ما گۇاڭيۈەن، سۇنخار نۇرئادىل ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)