
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، كالىلار ساخا مەنزىرە رايونىدىكى ئوتلاقتا ئوتلىماقتا.
4-ئاينىڭ 25-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ساخا مەنزىرە رايونىدا، كەڭ كۆلەمدىكى ياۋا ئالما دەرەخلىرى پورەكلەپ چېچەكلەش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، تاغ-دالىنى قاپلىغان ئاق رەڭلىك ئالما چېچەكلىرى بىلەن ياپيېشىل ئوتلاق بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ، سۈرەتتەك گۈزەل باھار مەنزىرىسىنى نامايان قىلغانىدى. ساياھەتچىلەر ئورمانلىق ئارىسىدا سەيلە قىلىپ ياكى گۈل دېڭىزىغا ئايلانغان دالىدا قونۇپ سەيلە قىلىپ، باھار ھىدىنى ھېس قىلدى.
ساخا مەنزىرە رايونى ئىلى دەرياسى جىلغىسىدىكى ياۋا ئالمىزارلىق تارقالغان مۇھىم رايون، ھەر يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 10 مىڭ مودىن ئارتۇق ياۋا مېۋىزارلىق رەڭگارەڭ چېچەكلەپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ. جاڭ چىڭخۇا فوتوسى

4-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچقۇرۇن، كەچكى قۇياش نۇرى ساخا مەنزىرە رايونىدىكى ياۋا مېۋىزارلىققا چۈشمەكتە.

4-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچقۇرۇن، شەپەق نۇرى ساخا ياۋا مېۋىزارلىقىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان يىراقتىكى قارلىق تاغقا چۈشمەكتە.