قۇشلار دالىغا ماكانلاشتى

2026-05-22 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  5-ئايدا شىنجاڭداھاۋا يېقىشلىق بولۇپ، شەھەر ئەتراپىدىكى دالىلار ئىللىپ، ئوت-چۆپلەر كۆكەردى. كۆل بويىدا سۇ قۇشلىرى بەخىرامان ئۈزۈپ، مەيىن دولقۇنلاردا ئويناپ، تېيىز ساھىللاردا ئازادە يۈرۈپ ئوزۇق ئىزدىدى. ئورمانلىقتىكى ياۋا قۇشلار ئوت-چۆپلەر ۋە دەل-دەرەخلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئورمانلىقتىكى يېڭى نەرسىلەرنى چوقۇپ يەۋاتقان بولۇپ، قەدەملىرى تەمكىن، بەخىرامانئىدى. توپ-توپ قۇشلار سۇ بويىدا ماكانلىشىپ، تۆت پەسىلنىڭ ئىللىقلىقىدىن تىنچ ھۇزۇرلىنىپ، شاۋقۇن-سۈرەنسىز، ئەركىن-ئازادە، خۇشال ياشاۋاتقانىدى.

مەيىن شامال سۇ قىرغىقىنى سىيپاپ ئۆتكەندە، قۇشلارنىڭ شولىسى سۇدائەكس ئېتەتتى، ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى بەخىرامان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ باش يازدىكى تىنچ، خاتىرجەم تەبىئىي جەزبىدارلىقىنى سۈرەتلەپ بەرگەنىدى.

ئىككى پاناق ھاڭگىت قاراماي نېفىت-خىمىيە شىركىتى زاۋۇت رايونىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى سۇ رايونىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە.مىن يۇڭفوتوسى

بورتالا شەھىرى 1-ماي سۇ ئامبىرىدىكى قارلىغاچسىمانبېلىقنى «سوۋغا» قىلىپ جورا ئىزدىمەكتە.خۇ ۋېيبىنفوتوسى

قاراماي شەھىرىدىكى گۇخەي سۇلۇق يېرىدە ئويناقشىپ ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن ئاققوتانلار.تيەن گوجيەنفوتوسى

ياۋا ئۆردەك ئانا بالىلىرىنى ئېلىپ كورلا شەھىرىدىكى كۆنچى دەرياسىدا سۇ ئۈزۈشنى مەشىق قىلماقتا.چۆ . خۇرەفوتوسى

ئاققوتان ئالتايكۆكسۇ سۇلۇق يېرى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغانرايوندا پەرۋاز قىلماقتا.ئارداق بېيىسقانفوتوسى

ئۇزۇن پۇت قارا قانات لايخورەك قاراماي دەرياسى بويىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە.تيەن گوجيەنفوتوسى

قاراماي دەرياسى بويىدا بېلىق چىشلەپ تۇرغان بېلىقچى چايكا.تيەن گوجيەنفوتوسى

بىر توپ غار-غار ئۆردەك باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش كۆلىدىكى قومۇشلۇق سۇلۇق يەردە ئەركىن ئۈزۈپ ئوزۇق ئىزدىمەكتە. نيەن لېي فوتوسى

بىر كۆكقوتان لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر دۆلەت دەرىجىلىك سۇلۇق يەر باغچىسىدا پەرۋاز قىلماقتا.لى فېيفوتوسى

لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇر دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدىكى بىر قومۇشلۇق ئىچىدىكى كىچىك ئاققوتان.ۋاڭ جىپېڭفوتوسى

«视觉新疆» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىنئېلىپ تەرجىمە قىلىندى