6-ئاينىڭ 1-كۈنى، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنى كېسىپ ئۆتكەندە، تاغنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان ئەگرى-بۈگرى يول تۇتاش كەتكەن تاغ-دالىدا يىلاندەك سوزۇلغانىدى. يول بويىدىكى ئېرىقلار تاغ جىلغىسىنى بويلاپ شىلدىرلاپ ئېقىپ، سۈزۈك دەريا سۈيى تۇتاش كەتكەن ئوتلاقنى ئوراپ، يىراقتىكى تاغلارغا يېشىللىق ئېلىپ كەلگەنىدى. تۇتاش كەتكەن قارىغايلار قەد كۆتۈرۈپ، بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇراتتى، قېنىق يېشىل دەل-دەرەخلەر بىلەن ياپيېشىل ئوتلاقلار سۇ بويىدا بىر-بىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، قاتمۇقات گىرەلەشكەنىدى.
تاغ قاپتىلىدا ئاندا-ساندا كىگىز ئۆيلەر تارقاقلىشىپ جايلاشقان بولۇپ، ئاپئاق ئۆگزىلىرى ياپيېشىل دالىغا ھۆسن قوشۇپ، چارۋىچىلىق رايونىنىڭ مەنزىرىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇراتتى. يول بويىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىلىرى ساياھەتچىلەر داكا قىلىدىغان ئالقىشلىق جايغا ئايلىنىپ، كېلىپ-كېتىۋاتقان ساياھەتچىلەر قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە تارتىپ، تاغ-دەريا گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلغانىدى.
قەدەمدە ئۆزگىرىپ تۇردىغان مەنزىرىلەر، ئېرىق، تاغ، ئورمان، چىملىق، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى گىرەلىشىپ يۇغۇرۇلۇپ كەتكەنىدى، قىسقىغىنا مۇساپىگە شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاغ-دالاغا خاس مەنزىرىسى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئۆزگىرىشچان مەنزىرىسىگە تايىنىپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىدىكى ئالدىن تاللايدىغان لىنىيەگە ئايلانغاندى.

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدىكى مەنزىرە
(كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى ئايقىن ئورۇنبېك، خۇەي جىچاۋ، لو خەنجۈن)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى