جامبۇلاقتا تاغ-دالىلاردىكى كۈز تۈسى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىش

2026-08-27 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن مېيخۇا فوتوسى،خەۋىرى) باش كۈزدە، گۇچۇڭ ناھىيەسىجامبۇلاق مەنزىرە رايونىدا ئاجايىپ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى نامايان بولدى.تەبىئەت تومۇز يازدىكىيېشىل رەڭدىن قاتمۇقات ئالتۇن رەڭگە كىردى،تاغدىكى 10 مىڭ موبىنەم يەر تىيانشاننىڭ يانباغرىنى بويلاپ تەدرىجىييېيىلىپ، ئېتىز قىرلىرى گىرەلىشىپتەبىئەتنىڭ كۆركەم يېقىشلىق مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئورۇلۇپ بولغان بۇغدايلىق سۇس ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، تاغ-دالىلارنىڭ كۈز مەنزىرىسى ۋە جىمجىت سەھرا تۈسىنى تولۇق نامايان قىلغانىدى.

كۆپلىگەن ساياھەتچى ئېتىزلىق ئارىسىدىكى يولدا سەيلە قىلىپ، ئالتۇن رەڭ ئېتىزلىق ئارىسىدىن پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ، ئېگىزگە چىقىپ بىپايان تاغ-دالىلارغا نەزەر سالدى ھەم تاغنىڭ يانباغرىدا بەخىرامان ئوتلاۋاتقانكالا-قويلارنىتاماشا قىلغاچ، تاغ-دالىلارنىڭ كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندى.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئورۇلۇپ بولغان بۇغدايلىقتا سەيلە قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئېگىزگە چىقىپ بۈك-باراقسان ئۆسكەن شەمشادلارنى تاماشا قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، كالا-قويلار بەخىرامان ئوتلىماقتا.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، يىراقتا تىيانشان تېغى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، تاغچوققىلىرى تۇتىشىپ كەتكەنىدى، تاغنىڭ باغرى يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى