8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسىدىكى گوزىگوۋغا خاس تاغ-دالا مەنزىرىسى يوشۇرۇنغانىدى. تۇتاش كەتكەن جىلغا ئىچىدە دەل-دەرەخلەر بۈك-باراقسان ۋە ياپيېشىل بولۇپ، كۆك ئاسمان ئاستىدا پارچە-پارچە يېشىللىق سوزۇلۇپ ياتقانىدى.
ئورمانلىققا كىرگەندە، ئېگىز دەرەخلەرنىڭ شاخ-يوپۇرماقلىرى بۈك-باراقسان بولۇپ، قۇياش نۇرى قاتمۇقات دەرەخ يوپۇرماقلىرىدىن ئۆتۈپ، ھەر خىل نۇرلارنى چېچىپ تۇراتتى. ئورمانلىقتىكى چىغىر يول جىمجىت ھەم سالقىن بولۇپ، ياۋا مېۋىلەر شاخلارغا لىق تولغانىدى، قىپقىزىل ياۋا ئازغان مېۋىسى يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىغا ھۆسن قوشقانىدى، ھەممە يەر ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. تاغ جىلغىسىدىكى سۈزۈك بۇلاق سۈيى شىرىلداپ ئېقىپ تۇراتتى، ئېرىق سۈيى تېيىز ساھىلدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، سالقىنلىق ئېلىپ كېلەتتى.
قۇشلار دەرەخ شاخلىرىغا قونۇپ ئارام ئالغان بولۇپ، ئورمانلىقتا يەنە ياسالغان قۇش چاڭگىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئوت ـ چۆپ، دەل-دەرەخ، ئۇچار قۇشلار ۋە ئېرىقلار بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ھەممىلا يەر جانلىق تاغ-دالا قىزىقىشىغا تولغان بولۇپ، ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقتا تەبىئەتنىڭ ھاياتىي كۈچى نامايان بولۇپ تۇراتتى.









(ئاپتورلار: ۋاڭ شۈدۇڭ، قاستېر ماقسات ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: تولى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى