غۇلجىغا كېلىڭ! 9-ئايدىمۇ داۋاملىق ئۇستىقۇددۇس تاماشا قىلالايسىز

2026-09-04 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

9-ئاي كىرىشى بىلەن، غۇلجا ناھىيەسىنىڭقاش بازىرىغا جايلاشقان ئىلى تىيانشان گۈل دېڭىزى ساياھەت مەنزىرە رايونى يەنىلاسۆسۈن رەڭگە پۈركەنگەنىدى. ئېچىلىش مەزگىلىنى كېچىكتۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئەسلى6-ئايدىكى بىر ئايلىق راسا چېچەكلەش مەزگىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە ئۇزارتىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ گۈل تاماشا قىلىشى ئۈچۈنمەخسۇس ۋاقىت قالدۇرۇلدى.

9-ئاي كىرىشى بىلەن، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاش بازىرىغا جايلاشقان ئىلى تىيانشان گۈل دېڭىزى ساياھەت مەنزىرە رايونى سۆسۈن رەڭگە پۈركەندى.

ئېگىزدىن قارىغاندا، ئېچىلىش مەزگىلى ئۇزارتىلغاندىن كېيىنكى سۆسۈن رەڭلىك ئۇستىقۇددۇس گۈل بەلبېغى يانتۇلۇقنى بويلاپ تەكشى يېيىلغان بولۇپ، سۇس سۆسۈن رەڭلىك گۈل غۇنچىلىرى تەدرىجىي ئېچىلىپ، يىراقتىكى شىمالىي تىيانشان بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسۈن قوشۇپ تۇراتتى. مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتكەندە، ئۇستىقۇددۇسلار دولقۇنلاپ، سۇس خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىلاتتى. ساياھەتچىلەر گۈلزارلىقتىكى ئاسما يولدا پىيادە سەيلە قىلىپ، يان تېلېفون ۋە ئاپپاراتلىرىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆزگىچە گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى سۈرەتكە تارتىپ، گۈزەل مەنزىرىلەرنى ھەم كۈز پەسلىدە گۈل دېڭىزىدا سەيلە قىلغان چاغدىكى گۈزەل مىنۇتلارنى خاتىرىلىدى.

ئۇستىقۇددۇسنىڭ خۇش ھىدى ھەرىلەرنى جەلپ قىلدى.

سۇس سۆسۈن رەڭلىك گۈل غۇنچىلىرىتەدرىجىي ئېچىلىپ، يىراقتىكى شىمالىي تىيانشان بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسۈن قوشتى.

«9-ئايدا ئۇستىقۇددۇسنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدىم، ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن، بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدۇم، پۇرسەت بولسا شىنجاڭغا يەنە كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى شياڭگاڭلىق ساياھەتچى لياڭ جيالى.

دۆلەت 4Aدەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلى تىيانشان گۈل دېڭىزىمەنزىرەرايونىدا 22 مىڭ مو تۇتاش كەتكەن ئۇستىقۇددۇس بار. ئىلگىرىكى يىللاردا تۇنجى ئېڭىزنىڭ راسا ئېچىلىش مەزگىلى 6-ئايغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، 2-ئېڭىز گۈل 8-ئايدا ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئاندا-ساندا ئېچىلاتتى، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن دائىم «گۈل تاماشا قىلىش مەزگىلى ئۈزۈلۈپ قېلىش» ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ساياھەتچىلەر «ئۇستىقۇددۇس ئېچىلىپ بوپتۇ» دەپ ئەپسۇسلىنىپ قالاتتى. شۇ سەۋەبتىن شىنجاڭ تىيانشان گۈل دېڭىزىيېزا ئىگىلىك ساياھىتىگۇرۇھىچەكلىك شىركىتى تېخنىكا ئەترىتى تەشكىللەپ، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىپ، ئۇستىقۇددۇسنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنىكېچىكتۈرۈش لايىھەسىنىتېپىپ چىقتى.

«بىز 6-ئاينىڭ ئاخىرى تۇنجى ئېڭىز ئۇستىقۇددۇسنىڭ ئېچىلىشمەزگىلى ئاخىرلاشقاندا باش قىسمىنى ئېلىۋېتىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن تەكشى ئورىدۇق، ئاندىن سۇ ۋە ئوغۇتنىتەڭشەپ-تىزگىنلەپ، بىرلا ۋاقىتتا ۋاقىت، ماكان ئىككى جەھەتتىن بېسىق مەزگىلدىن ساقلاندۇق،ئېچىلىش مەزگىلىنىكېچىكتۈرۈپ، سىجىل ئېچىلىش ۋاقتىنى 10-ئايغىچەسۈردۇق» دەپ تونۇشتۇردى شىنجاڭ تىيانشان گۈل دېڭىزى يېزا ئىگىلىك ساياھىتىگۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش باش نازارەتچىسى خۇاڭ چىڭلېي.

ئۇستىقۇددۇسنىڭ سۇس سۆسۈن رەڭلىك گۈل غۇنچىلىرى تەدرىجىي ئېچىلىپ، يىراقتىكى شىمالىي تىيانشان بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشتى.

نۆۋەتتە، 2700 مو«قايتا ئېچىلغان» ئۈستىقۇددۇس ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى. مەنزىرە رايونى تىجارەت ۋاقتىنى ماس قەدەمدە ئۇزارتىپ، كەچقۇرۇن نۇر ئارقىلىق سايە چۈشۈرۈپ سۈرەتكە تارتىش رايونى تەسىس قىلدى ھەم 9-ئايدا ئۇستىقۇددۇس جەۋھەر مېيىنى ھېس قىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى يانداشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ساياھەتچىلەرنى ياز بىلەن كۈز ئالمىشىدىغان پەيتتە «سۆسۈن رەڭلىك رومانتىكىلىق»تىن قانغۇچە بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى