شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (245) | ئىناق، گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئورتاق سىزىپ چىقىش

2026-09-24 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  9-ئايدا تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممە جاي ھاياتىي كۈچكە تولدى. چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا ئىككى گېنراتورلار گۇرۇپپىسى ئارقا-ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، توك چىقىرىپ، سۇ يەتكۈزۈپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنى ئوزۇقلاندۇردى. يەنجى لازىسى ئاپتاپتا قۇرۇتۇلدى، ئاۋات ئالمىسى، كۇچا نەشپۈتىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. كورلا سەنىمى ياڭرىدى، مەھەللىلەردە شىچۈ تىياتىرى قويۇلۇپ قوشنىلارنى جەم قىلدى، لوپتىكى  يېزا-كەنتلەردە ماشىنا ئادەم بىلەن كەنت ئاھالىلىرى  ئۆزئارا  ھەمتۈرتكە بولۇپ، جانلىق سىن-سۈرەت ئارقىلىق  ئىناق، گۈزەل مەنزىرىلەرنى ئورتاق سىزىپ چىقتى.

گېنراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

   شىنجاڭ چوڭ جىلغا سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (9-ئاينىڭ 15-كۈنى تارتىلغان). 9-ئاينىڭ 13-كۈنى 1-نومۇرلۇق گېنىراتورلار گۇرۇپپىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلغاندىن كېيىن، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 2-نومۇرلۇق گېنىراتورلار گۇرۇپپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقاتتى. مەزكۇر قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، يىللىق ئوتتۇرىچە توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 893 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، رايوننىڭ توك تەمىنلەش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۇ ئامبىرى ئارقىلىق ھەر يىلى تارىم دەرياسىغا 3 مىليارد 420 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى 6 مىليون 800 مىڭ مودىن ئارتۇق ئېتىزلىقتا سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ.  ۋاڭ تو فوتوسى

لازىلار ئاپتاپتا قۇرۇتۇلدى

   9-ئاينىڭ 18-كۈنى، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىگشىن بازىرى چۆللۈكىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانىدا لازىلىرىنى ئاپتاپتا سالماقتا. بۇ ناھىيە «كارخانا + بازا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىگە تايىنىپ، لازا كۆلەملەشكەن، ئۆلچەملەشكەن تېرىقچىلىق كۆلىمىنى 100 مىڭ مودىن ئاشۇردى.  چۆ . خۇرە  فوتوسى

مول ھوسۇل ئېلىنغان مېۋىلەر ئۈزۈلدى

    9-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ باغتوغراق يېزىسى قارغۇجەك كەنتىدىكى ئالما ئۆستۈرۈش بازىسىدا باغۋەنلەر خۇڭفۇشى ئالمىسىنى ئۈزمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيەدىكى 15 مىڭ مو يەردە ئۆستۈرۈلگەن ئالما ئۈزۈش پەسلىگە كىردى، باغۋەنلەر ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردىن پايدىلىنىپ ئالمىلارنى ئۈزۈپ سېتىشنى باشلىدى. باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

نەشپۈتلەر سىرتقا سېتىلدى

   9-ئاينىڭ 15-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئالاقاغا بازىرى دۆڭلۈك كەنتىدىكى ئاھالىلەر نەشپۈتلەرنى يەشىكلەرگە قاچىلىماقتا. يېقىندا، بۇ كەنتتىكى 1300 مو يەردىكى نەشپۈت ئۈزۈش پەسلىگە كىردى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يار-يۆلەك بولۇشى بىلەن، مېۋىلەر شىنجاڭ ئىچىدىكى ۋە نىڭبو قاتارلىق جايلاردىكى بازارلارغا سېتىلدى.  يۈەن خۇەنخۇەن فوتوسى

نەشپۈت شەھىرىدە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش

   9-ئاينىڭ 19-كۈنى، خەلق ئىچى سەنئەتكارلىرى سەنەمنى ئورۇنلىماقتا. شۇ كۈنى، «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش نەشپۈت شەھىرىدە ئۇسسۇلغا چۈشۈش» تېمىسىدىكى 2026-يىللىق كورلا سەنىمى مۇسابىقىسى نەشپۈت شەھىرىدىكى مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا باشلاندى.  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى

شىچۈ تىياتىرى مەھەللىلەرگە كىردى

   9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئارتىسلار ئاھالىلەرگە شىچۈ تىياتىرى ئورۇنلاپ بەرمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى كوچا باشقارمىسى خېيۆ مەھەللىسى «جۇڭچيۇنى كۈتۈۋېلىپ بايراملىق بەخت تىلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئىللىق مېھرى توغرىسىدا ئورتاق پاراڭلاشتى. سۈن جېنسۇڭ فوتوسى

ماشىنا ئادەم يېزىلارغا يەتكۈزۈلدى

  9-ئاينىڭ 14-كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ بازىرى كوچا ئېرىق كەنتىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىدا، كەنت ئاھالىلىرى ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى. بۇ ناھىيە مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى