
9-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاڭ نۇرىدا نامايان بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەھەر مەنزىرىسى.
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى ۋە خەۋىرى) كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلەشكەن مەزگىلدە، كۈز يامغۇرى شەيئىلەرگە ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدۇ. بىر قېتىملىق كۈز يامغۇرىدىن كېيىن، ئۈرۈمچى يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىنى ياندۇرۇپ، سۈزۈك كۈز مەنزىرىسىنى كۈتۈۋالدى. كۆپكۆك ئاسمان، مەيىن شامال ئاستا-ئاستا چىقىپ، شەھەر كوچىلىرى ۋە باغچىلارنىڭ كۈز مەنزىرىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، رەڭگارەڭ مەنزىرىلەر ئۈرۈمچىنىڭ كۈز پەسلىدىكى شېئىرىي ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى؛ شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيلىرىدىن چىقىپ، كۈز مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، شەھەرنىڭ ھەممە يېرى خۇشال، ئىناق كەيپىياتقا چۆمدى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىدىكى دەرەخلىك يولدا سەيلە قىلماقتا.
يامغۇردىن كېيىنكى ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى ساپلىشىپ ۋە سۈزۈكلىشىپ، كۆپكۆك ئاسمان تېخىمۇ پاكىزلىنىپ، بۇلۇتلار بەخىرامان يېيىلىپ، كۆرۈش دائىرىسى ئادەتتىن تاشقىرى كېڭەيگەنىدى. شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلار ۋە ئاساسلىق غول يوللاردىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ رەڭلىرى ئاستا-ئاستا ئۆزگىرىپ، شاخ-يوپۇرماقلىرى سارغىيىشقا باشلىدى، قات-قات رەڭلەر گىرەلىشىپ كەتكەنىدى؛ مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتكەندە، شاخ-يوپۇرماقلار يېنىك تەۋرىنىپ، كۈزنىڭ ئىللىق مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى. قېنىق-سۇسلۇقى گىرەلىشىپ كەتكەن كۈز مەنزىرىسى شەھەر كوچىلىرىنى زىننەتلەپ، ساپ، كۆركەم كۈز مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقتى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى يامالىق تېغىدىكى گۈل-گىياھلار بەس-بەستە ئېچىلدى.
كۈزنىڭ سالقىن كۈنلىرىدە، كوچا-كويلار ۋە باغچىلاردا جۇخارگۈلى، كېسان گۈلى، ئەتىرگۈل قاتارلىقلار بەس-بەستە ئېچىلىپ، كۈز نۇرىنى قولدىن بەرمەي، شەھەرگە ھۆسىن قوشتى. رەڭگارەڭ گۈل-گىياھلار شامالدا ئىرغاڭلاپ، رەڭدارلىققا ۋە ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، كۈز پەسلىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەھەرگە جانلىق رەڭ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەنزىرىگە ئايلانغانىدى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
يېقىملىق كۈز مەنزىرىسى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى سىرتلارغا چىقىپ كۆڭۈل ئېچىشقا جەلپ قىلدى، ھەرقايسى چوڭ باغچە، كوچىلار قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. سەھەر ۋە چۈشتىن كېيىن، ھەممىلا يەردە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سەيلە-ساياھەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئوتتۇرا ياش، ياشانغان شەھەر ئاھالىلىرى لەرزان مۇزىكىغا ئەگىشىپ لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى، ئۇسسۇل قەدىمى يېنىك، روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىدى؛ يەنە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئۆزئارا ھەمراھ بولۇشۇپ ئورمانلىقتىكى پىيادىلەر يولىنى سەيلە قىلىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ، پاراڭلاشقاچ سەيلە قىلىپ، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئالدى؛ ناخشا ھەۋەسكارلىرى ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ ناخشا ئېيتتى، ياڭراق ناخشا ئاۋازى باغچە ئاسمىنىدا ياڭرىدى. بالىلار يۈگۈرۈپ ئوينىسا، ياشانغانلار ئولتۇرۇپ ئارام ئالدى، ھەر بىر ئادەمنىڭ چىرايىدا خاتىرجەم ۋە بەختلىك تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرى خەلق باغچىسىدا سەيلە قىلماقتا.
ھازىر ئۈرۈمچىدە كۈز مەنزىرىسى يېقىشلىق، قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، گۈزەل ئېكولوگىيە-مۇھىتى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خاتىرجەم ۋە راھەت تۇرمۇش ھالىتى بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلاپ تۇراتتى. بىر شەھەرنىڭ كۈز مەنزىرىسى، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كۆرۈنۈشلەر ئۈرۈمچىنىڭ كۈز پەسلىدىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپلا قالماي، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، شەھەرنىڭ ئىناق، گۈزەل يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى