9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، ئالتاي شەھىرى كۈزلۈك يوپۇرماقنى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. يىلدا بىر قېتىم كۆرۈلىدىغان ئىنتايىن گۈزەل كۈز مەنزىرىسى ئاستا-ئاستا نامايان بولۇپ، ھەيۋەتلىك قار ماكانى تېخىمۇ جۇلالىنىپ، ئىللىق، كىشىگە راھەت بېغىشلايدىغان، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل كۈز پەسلىگە قەدەم قويدى.
كۆپكۆك ئاسماندا بۇلۇتلار لەيلەپ، مەيىن شامال چىقىپ، قۇياش پارلاپ تۇراتتى. ئالتاينىڭ كۈز كۈنلىرى يازدىكى تومۇز ئىسسىقنى ئاخىرلاشتۇرغان بولۇپ، كىشىگە ئىللىق ھەم يېقىشلىق بولغان ئازادىلىك تۇيغۇسى بېغىشلايتتى. قىران دەرياسى شەھەرنى كېسىپ ئۆتۈپ يىلانباغرى ئېقىپ تۇراتتى، ئىككى قىرغاقتىكى دەل-دەرەخلەر كۈز شامىلىدا سارغىيىشقا باشلىغان بولۇپ، سۇس ئالتۇن رەڭ، ئىللىق قىزغۇچ سېرىق رەڭ ۋە ياپيېشىل رەڭلەر گىرەلىشىپ كەتكەن رەڭگارەڭ مەنزىرە ھاسىل بولغانىدى. سۈپسۈزۈك ئېقىن سۇدا دەرەخ سايىسى جىلۋە قىلىپ تۇرغان بولۇپ، مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتكەندە، دەريا يۈزىدە خۇددى ئالتۇندەك چاقنىغان مەنزىرە ھاسىل بولاتتى. پۈتۈن شەھەر قويۇق كۈز تۈسىگە كىرىپ، ھەربىر مەنزىرە شېئىرىي تۇيغۇ بېرەتتى.





(ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى گو پىڭ)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى