دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ كۈز مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرىپ تولىمۇ گۈزەل بولۇپ كەتتى. ئەلا سۈپەتلىك ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە بايلىقىغا تايىنىپ، تاۋچاغان كۆلى، چوڭ-كىچىك چىڭگىل دۆلەت ئورمان باغچىسى، شەنجا باغچىسى قاتارلىق كۆپ جاينىڭ كۈز مەنزىرىسى ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىشكە، كۈز كۈنلىرىدىكى تاغ-دالىلارنىڭ گۈزەللىكى بىلەن چۆكۈش شەكلىدە ئۇچرىشىشقا، ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت سەپىرىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىشكە جەلپ قىلدى.

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ كۈز مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.

تاۋچاغان كۆلى چىڭگىلنىڭ كۈز مەنزىرىسى ئىچىدىكى داكا قىلىدىغان يادرولۇق جاينىڭ بىرى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تىپىك ئېگىز تاغ كۆلىدۇر.
چوڭ چىڭگىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا جايلاشقان تاۋچاغان كۆلى چىڭگىلنىڭ كۈز مەنزىرىسى ئىچىدىكى داكا قىلىدىغان يادرولۇق جاينىڭ بىرى، شۇنداقلا شۇ جايدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە تىپىك ئېگىز تاغ كۆلىدۇر. ھەر يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا، بۇ جاي كۈز پەسلىنى ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، تاغ-دالىلار رەڭدار تۈسكە كىرىپ كۈز مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدۇ .

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ كۈز مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرىپ تولىمۇ گۈزەل بولۇپ كەتتى.

ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن بولۇپ، كۈز كۈنلىرىدىكى تاغ-دالىلارنىڭ گۈزەللىكى بىلەن چۆكۈش شەكلىدە ئۇچرىشىپ، ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت ساياھىتىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى.

ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن بولۇپ، كۈز كۈنلىرىدىكى تاغ-دالىلارنىڭ گۈزەللىكى بىلەن چۆكۈش شەكلىدە ئۇچرىشىپ، ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت ساياھىتىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى.
گۈزەل مەنزىرە قەلبلەرگە ئورنىدى، مەدەنىيلىك سەپەرگە ھەمراھ بولدى. سەيلە-ساياھەت قىلىش جەريانىدا، سۇ يۈ ئائىلىسىدىكىلەر كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، دەم ئېلىشتىن بەھرىلىنىش بىلەن بىرگە، كۆل بويىغا تاشلانغان ئەخلەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېرىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تاۋچاغان كۆلىدىكى سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى قوغدىدى.

ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، كۈز كۈنلىرىدىكى تاغ-دالىلارنىڭ گۈزەللىكى بىلەن چۆكۈش شەكلىدە ئۇچرىشىپ، ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت ساياھىتىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى.

ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، كۈز كۈنلىرىدىكى تاغ-دالىلارنىڭ گۈزەللىكى بىلەن چۆكۈش شەكلىدە ئۇچرىشىپ، ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت ساياھىتىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى.
كىچىك دوست سۇ شىيۆ مۇنداق دېدى: «گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ بولغاندىن كىيىن، كۆپچىلىك ئەخلەتلەرنى ئېلىپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. مۇھىتنى ئاسراشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار».

ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ كېلىپ، كۈز كۈنلىرىدىكى تاغ-دالىلارنىڭ گۈزەللىكى بىلەن چۆكۈش شەكلىدە ئۇچرىشىپ، ئېكولوگىيەلىك ئىستىراھەت ساياھىتىدىن قانغۇچە بەھرىلەندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭگىل ناھىيەسى ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن مەدەنىيەت-ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى تاغ، دەريا، ئورمان، كۆلدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە بايلىقىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ تۆت پەسىلدىكى مەنزىرىسىنى ئۆزگىچە جەلپكارلىققا ئىگە قىلىپ، يىل بويى مەنزىرىسى كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئالتۇن كۈز پەسلىدە، تاۋچاغان كۆلىدىن سىرت، چوڭ-كىچىك چىڭگىل دۆلەت ئورمان باغچىسىدىكى قاتمۇقات ئورمانلار رەڭدار تۈسكە كىرىپ، گۈزەل كۈز مەنزىرىسىنى نامايان قىلغانىدى، شەنجا باغچىسىدا مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان بولۇپ، مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلاتتى، چىڭلۇڭ كۆلى باغچىسىدا كۆل سۈيى قۇياش نۇرىدا جىمىرلاپ تۇراتتى، قىرغاقتىكى رەڭدار تۈسكە كىرگەن ئورمانلار كۆل يۈزىدە ئېنىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ كۈز مەنزىرىسى ئۆزگىچە گۈزەل بولۇپ، قەدەمدە بىر شېئىرىي تۈسكە تولغان گۈزەل مەنزىرە نامايان بولۇپ تۇراتتى.

قاتمۇقات ئورمانلار رەڭدار تۈسكە كىرىپ، كۈز مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.
بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كۈز پەسلىدىكى ئەۋزەل ئېكولوگىيە بايلىقى ۋە ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت-ساياھەت تەسىراتىغا تايىنىپ، چىڭگىل ناھىيەسى ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى، كۈزنى تاماشا قىلىش ئىستىراھەت ساياھىتى، ئېكولوگىيەلىك سەيلە-ساياھەتنى يولغا قويۇپ، بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، ئىپتىدائىي ئېكولوگىيە، چۆكۈش شەكلىدىكى كۈزلۈك ئېكولوگىيە ساياھىتى چىڭگىل ناھىيەسىدە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاتتى.
(چىڭگىل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى يېركىن جاقپار، ئېرجان ئوباي، جاڭ جۇەنجۇەن)
«چىڭگىل ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى