پامىر ئېگىزلىكىدىكى كۈز كۈنلىرىدىكى قارلىق تاغ، كۆل مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى مەپتۇن قىلدى

2026-10-21 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى قاراكۆل كۆلىنىڭ كۈز مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. مۇزتاغ چوققىسى، گوڭگۇر چوققىسى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، گۇگۇم چۈشكەندە، شەپەق نۇرى بىلەن ئالتۇنتاغنىڭ شولىسى كۆل يۈزىگە چۈشۈپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. نۇرغۇن ساياھەتچى كۆل بويىغا كېلىپ، تۆگىگە مىنىپ قارلىق تاغ، كۆل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، ئېگىزلىكنىڭ كۈز مەنزىرىسىنى خاتىرىلەيدۇ.

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، قاراكۆل كۆلى بىلەن مۇزتاغ چوققىسى بىر رامكىدا كۆرۈندى.

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ساياھەتچىلەر تۆگە مىنىپ قاراكۆل كۆلى بويىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، گۇگۇم چۈشكەندە، گوڭگۇر چوققىسى ئېتىكىدىكى كۆل يۈزىدە رەڭگارەڭ شەپەق نۇرى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، گۇگۇم چۈشكەندە، مۇزتاغ چوققىسىدا قۇياش نۇرىنىڭ «ئالتۇن تاغقا چۈشۈش» مەنزىرىسى پەيدا بولۇپ، قارلىق چوققىنىڭ شولىسى تىنچ كۆل يۈزىدە ئەكس ئەتتى.

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇزتاغ چوققىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، قاراكۆل كۆلى بويىدا، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك تاغ تىزمىسى بىلەن كۆل سۈيى بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى.

10-ئاينىڭ 18-كۈنى، كۈزدىكى قاراكۆل كۆلىنىڭ مەنزىرىسى كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى