فوتوگراف سۈرەتلىرى توپلىمى| شەپەق نۇرى كېۋەزلىكنى قاپلىدى

2026-10-17 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

   قومۇلنىڭ چۆل-جەزىرىلىرىنى كەچكى قۇياش نۇرى قاپلىدى، تۈمەن گېكتار كېۋەزلىك ئالتۇن رەڭلىك شەپەق نۇرىغا چۆمدى. پىشقان كېۋەز غوزىلىرى ئارقا-ئارقىدىن يېرىلىپ، قۇرۇق پوستى سىرتقا يېيىلىپ، خۇددى ئاق بۇلۇتنى ئالقاندا كۆتۈرگەندەك كۆرۈندى. قۇياش نۇرىنىڭ ئارقا تەرىپىدە، پاختا پوستىنىڭ سىزىقچىلىرى ئېنىق بولۇپ، كەچكى شەپەق نۇرىدا ئىللىق جىيەك تۇتۇلغاندەك كۆرۈندى، پورەكلەپ ئېچىلغان ئاپئاق پاختا تالاسى جىمجىت نامايان بولدى. مەيىن شامال ئېتىز قىرلىرىنى سىيپاپ ئۆتتى، ئوت-چۆپلەرنىڭ خۇش پۇرىقى ئەتراپقا تارالدى، كېۋەزلىكلەر ئۇپۇققىچە سوزۇلدى. ئېتىز سىرتىدىكى بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، يىراقتىكى تاغلار غۇۋا، چۆللۈكتىكى يېڭى شەھەر بىلەن قەدىمىي بوستانلىق گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. يېتەرلىك كۈن نۇرى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ چوڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بۇ يەردىكى كېۋەزلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، ئاددىي-ساددا، ساپلىققا ئىگە قىلدى. گۇگۇم ئاستا-ئاستا يېيىلدى، بۇ كېۋەزلىك چۆللۈكنىڭ ئۆزىگە خاس شېئىرىي ھېسسىياتىنى كۈزدىكى مول ھوسۇلغا بېغىشلىدى.

 

视觉新疆 ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى