كەچ كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 33-تۇەن يىڭپەن بازىرى خۇلۇداۋ مەنزىرە رايونى ئەڭ ياخشى توغراق تاماشاسى قىلىش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. ئېگىزدىن نەزەر سالغاندا، تۇتاش كەتكەن ئېگىز-پەس ئالتۇن رەڭلىك قۇم بارخانلىرى ياپيېشىل كۆل سۈيىنى ئوراپ تۇراتتى، سۇدىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىرگەن بولۇپ، كۆل يۈزىدە گىرەلىشىپ ئۆسكەنىدى. بىر كاتېر دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئاق رەڭلىك ئىز تىپتىنچ سۇ يۈزىنى ئىككىگە بۆلۈپ، تىنچ قۇملۇق مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشتى. قۇملۇق، كۆل، ئالتۇن رەڭ توغراقلار ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ساياھەت كېمىسى بىلەن بىر رامكىدا قويۇلۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي ئېكولوگىيە مەنزىرىسى نامايان قىلىندى، شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ داكا قىلىشقا، تاماشا قىلىشقا، قۇملۇقنىڭ ئالتۇن كۈزدىكى جەلپكارلىقىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

قۇم دېڭىزىدىكى ئاقما قەۋەتلەر.
جياۋ دۇڭدۇڭ فوتوسى

كۈز ئورمىنىدا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار.
جياۋ دۇڭدۇڭ فوتوسى

قۇملۇق ۋە توغراق.
جياۋ دۇڭدۇڭ فوتوسى

قۇم دېڭىزىغا ھۆسىن قوشۇپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان كاتىر.
جياۋ دۇڭدۇڭ فوتوسى

كۈز كۈنلىرىدىكى توغراقلىقتا ئۇچۇپ يۈرگەن ئاق قوتانلار.
جياۋ دۇڭدۇڭ فوتوسى

قۇم دېڭىزىدىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىردى.
جياۋ دۇڭدۇڭ فوتوسى

سۇدىكى ئىزلارنى بويلاپ كۈز مەنزىرىسى ئىزدەش.
جياۋ دۇڭدۇڭ فوتوسى

قۇملۇقتىكى كۆلدە ئاق قوتانلارنىڭ سايىسى ئەكس ئەتتى.
جياۋ دۇڭدۇڭ فوتوسى

سۇلار ئالتۇن رەڭلىك توغراقلىقنى ئوراپ تۇرغان بولۇپ، قۇشلار بۇ گۈزەل مەنزىرىگە كېلىپ قوندى.
جياۋ دۇڭدۇڭ فوتوسى
مەنبە: 2-شى تيېمېنگۇەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى