لاۋتيەنگە ئەگىشىپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش | كەڭساي ئىلىدىكى بىرىنچى مەنزىرە

2026-11-19 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  كەڭساي مەنزىرە رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان، جىلغىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 28 كىلومېتىر، يەر شەكلى خەتەرلىك، تىك بولۇپ، سايرام كۆلى بىلەن ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان تەبىئىي يول، قەدىمدە يىپەك يولىنىڭ شىمالىي يېڭى يولىنىڭ بوغۇزى بولۇپ، ئەزەلدىن «پولات ئۆتكەل» دېگەن نامى بار.

 دۆلەت يولى 312-لىنىيەسى مەنزىرە رايوننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، كەڭساي چوڭ كۆۋرۈكى G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى مۇھىم يول بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2011-يىلى قاتناش باشلانغان بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى چوڭ ئاتلىمىلىق تاشيولدا پولات لىم قىيپاش تارتىلغان كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە ھەم تارىخىي ئاساس ھەم تەبىئىي مەنزىرە بار بولۇپ، «ئىلىدىكى بىرىنچى مەنزىرە» «ئاجايىپ گۈزەل جەزبدار مەنزىل» دەپ تەرىپلىنىدۇ، بەزى شېئىرلاردا ئۇنىڭدىكى تاغ، سۇ، تىك قىيا تاشلارنىڭ گۈزەللىكى مەدھىيەلەنگەن. قارلىق تاغ، ئورمانلىق گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىلى ساياھەتچىلىكىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك مەنزىرە نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

«视觉新疆» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى