شىمالىي شىنجاڭدىكى بۇ ناھىيەگە بارمىسىڭىز تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ

2026-11-24 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  بەلكىم، سىز تۇرۇۋاتقان شەھەر كۈزنىڭ ئىللىق ئاپتىپىغا چۆمۈلۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن 11-ئايدىكى شىنجاڭدا قار تېيىلىش باشلىنىپ بولدى.

   نۆۋەتتە، ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۆت چوڭ قار تېيىلىش مەيدانىدا قار تېيىلىش باشلاندى ھەم مۆلچەرلىگەندەك تۈركۈم-تۈركۈم قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى كۈتۈۋالدى.

   بۇنىڭدىن سىرت، بۇ يىل قار پەسلىدە، ئالتايغا كەلگەن ئايروپىلان بېلىتىگە ئاساسەن، بەش كۈن ئىچىدە جياڭجۈن تېغى، كۆكتوقاي، جىكپۇلىن، چىڭگىل لاڭشەن تېغىدىن ئىبارەت خالىغان بىر قار تېيىلىش مەيدانىدا بىر قېتىم ھەقسىز قار تېيىلىش (ياكى سەيلە-ساياھەت قىلىش)تىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. 

  قار پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، «چۆچەكلەردىكىدەك چېگرا شەھەر» دەپ نام ئالغان بۇرچىن ناھىيەسى تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشىغا ئۇنىڭ قاناس بىلەن قۇم كەنتىگە بارىدىغان ئالتۇن ئۆتەڭ بولغانلىقى سەۋەب بولدى.

   لېكىن سىز بېرىپ كۆرۈپ، ئايلىنىپ، ھېس قىلىپ باقسىڭىزلا بۇرچىننىڭ پەقەت بىر ئۆتەڭلا ئەمەسلىكىنى بىلىپ يېتىسىز.


 قار پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن بۇرچىن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى

   بۇرچىن ھەمدە پۈتكۈل ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار پەسلىدىكى قىزغىنلىق دەرىجىسى بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن كەلگەن.

   بۇرچىن ياۋروپادىكى ئالپ تاغ تىزمىسى، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى روككى تاغ تىزمىسى، جۇڭگودىكى چاڭبەيشەن تاغ تىزمىسى بىلەن ئوخشاش شىمالىي كەڭلىك 40 گىرادۇستىن 50 گىرادۇسقىچە بولغان «قار-مۇز ئالتۇن كەڭلىك بەلبېغى»غا جايلاشقان، دۇنيا بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك توزغاقسىمان قار بايلىقىغا ئىگە بولۇپ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك مەنزىلگاھى.

   توزغاقسىمان قار پاراشوك ھالەتتىكى قارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل قارنىڭ سۇ مىقدارى ئىنتايىن ئاز، يۇمشاق ھەم قۇرغاق، تېيىلغاندا ئېلاستىكىلىقى كۈچلۈك، تېيىلغۇچىلار يىقىلىپ چۈشكەندىن كېيىن بەدىنى ئاغرىمايدۇ، ئۇ چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى ياخشى كۆرىدىغان قار سۈپىتىدۇر.

   سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە، «جۇڭگودىكى توزغاقسىمان قار ياساش سودىگىرى» دېگەن گۈزەل نامى بار جىكپۇلىن قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ.

   قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز ئېگىزلىكى 2848 مېتىر، ئەڭ چوڭ چۈشۈش پەرقى 1466 مېتىر بولۇپ، «جۇڭگودىكى ئەڭ ئېگىز قار تېيىلىش مەيدانى» ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە كۆكتوقاي قار تېيىلىش يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11.2 كىلومېتىر بولۇپ، ئاسىيادىكى ئەڭ ئۇزۇن قار تېيىلىش يولى ھېسابلىنىدۇ، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى بۇ جايدا كەسپىي دەرىجىلىك قار تېيىلىش تەسىراتىغا ئېرىشەلەيدۇ.

  كىشىلەرنى ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلغىنى يەنە بۇ يەرنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان قار تېيىلىش تارىخىدۇر.

  2005-يىلى، بىر چارۋىچى ئالتاي شەھىرىدىكى دۇندېبۇلاق دەرياسى ۋادىسى ئۆڭكۈرىدە، قەدىمكى زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ پۇتىغا چاڭغا كىيىپ، قولىدا تاياق تۇتۇپ، قار تېيىلىپ ئوۋ ئوۋلاۋاتقان قىيا تاش رەسىمىنى بايقىغان، دەلىللەش ئارقىلىق، بۇنىڭ نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر خاتىرىلەنگەن قار تېيىلىپ ئوۋ ئوۋلاش يادىكارلىقى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

   بۇرچىن ناھىيەسى، جېمىنەي ناھىيەسىدىكى نەچچە يەردە ئۇزاق يىللار ئىلگىرى قار تېيىلىپ ئوۋ ئوۋلىغانغا دائىر قىيا تاش رەسىملىرى بايقالغان. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالاقىدار تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىنسانلار ئاز دېگەندە 20-10 مىڭ يىل بۇرۇنلا ئالتاي ۋىلايىتىدە چاڭغا بىلەن قار تېيىلىپ، ئوۋ ئوۋلىغان.

   ئەلۋەتتە، قار تېيىلىش ئەزەلدىن ئالتايغا كېلىشتىكى بىردىنبىر باھانە ئەمەس، قار مەنزىرىسىنى جىمجىت تاماشا قىلىشمۇ بىر خىل ھۇزۇر.

دەريا سۈيى توختىماي ئۆركەشلەپ ئېقىپ بۇ يەردە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەركىن-ئازادىلىككە تولدى

   كۆپىنچە كىشى بۇرچىننى قاناس بىلەن قۇم كەنتىگە بارىدىغان يولدا يېڭى تونۇغان بولۇپ، بىر كېچە قونۇپلا ئالدىراپ يولغا چىققاچقا، نۇرغۇن گۈزەللىكنى ھېس قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان.

   بۇرچىن ناھىيەسى بۇرچىن دەرياسى ۋە ئېرتىش دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى كىچىك شەھەردە سۈرەتتەك گۈزەل تاغ-دەريا مەنزىرىسىنى نامايان قىلغان.

   بۇرچىن ناھىيەسىگە 24 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋۇسەيتەن ئېرتىش دەرياسىنىڭ بويىغا جىمجىت جايلاشقان. دەريا سۈيى ئەگرى-بۈگرى ئېقىپ، بۇ تۇپراقنى كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى ھەيۋەتلىك دەريا ۋادىسى مەنزىرىسى بىلەن ئۆز ئارا بىر-بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.

   بەلگە خاراكتېرلىك «قاناس مۇنارسىمان كۆۋرۈكى» كۆپچىلىك بۇرچىن ناھىيەسىگە كىرگەندىن كېيىن كۆرىدىغان تۇنجى مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، بۇ جاي دائىملىق مەدەنىيەت-ساياھەت نومۇرلىرى مەخسۇس مەيدان ئويۇنى − قاناس مۇنارسىمان كۆۋرۈكىدىكى «مۇنارسىمان كۆۋرۈك چوڭ سەھنىسى. سىزنىڭ جەڭ ئېلان قىلىشىڭىزنى كۈتۈۋاتىدۇ»نى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئويۇننىڭ ئىشىك بېلىتى ئېلىنمايدۇ، يولدىن ئۆتكەن دوستلارنىڭ ھەممىسى كۆرۈرمەن. كىم چۈشىنىدۇ!  بۇرچىنغا بېرىشنىڭ يەنە بىر باھانىسى بار بولدى.

   جۇڭگو-رۇسىيە كونا پىرىستان ئۆرپ-ئادەت كوچىسىدا كەمپۈت رەڭلىك ئىمارەتلەر گىرەلىشىپ جايلاشقان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ شەكلى ھەر خىل ماترىيوشكا قونچاقلىرى، كىچىك ئۆيلەر ۋە يول چىراغلىرى بۇ يەرگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ، پىيادە ماڭغان كىشى خۇددى ئۆزىنى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ.

   بۇرچىنغا كەلگەنلەر قانداقمۇ «چياۋئېرتەي» (乔尔泰)__ بۇ يەردىكى چىپار ئىت بېلىققا ئېغىز تەگمەي تۇرالىسۇن، تەبىئىتى ھەرىكەتچان بولغان چوڭ تىپتىكى سوغۇق سۇ گۆشخور بېلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چورتان بېلىقنىڭ ياغ مىقدارى ئاز، گۆشى چىڭ ھەم ئېلاستىكلىققا ئىگە، سۇدا پىشۇرۇش، قىزارتىپ قورۇش، ئوتتا قاقلاپ يېيىشكە بولىدۇ... بۇنىڭ ھەر قايسىسى ئۆزىگە خاس تەمگە ئىگە بولۇپ، يېگەن كىشى بۇ تەمنى ئۇنتالمايدۇ.

   يولغا ئالدىراپ تېزلىك قوغلىشىشتىن ئىبارەت ساياھەت لوگىكىسىدىن سىرت، بۇرچىن يەنە بىر خىل جاۋاب  بەردى.

   سىز بىر چۈشتىن كېيىن ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ، ھېچ ئىش قىلماي، كۆۋرۈكتە بىر مەيدان كۈن ئولتۇرۇشنى ساقلىسىڭىز بولىدۇ؛ ياكى بىر كېچە قونۇپ، دەريادىكى بېلىقنىڭ ھەر خىل مەززىلىك تەمىگە ئالدىرىماي ئېغىز تەگسىڭىز بولىدۇ.

   قارىماققا ھېچ ئىش قىلمىغاندەك كۆرۈنىدىغان بۇنداق پەيتلەر دەل سەپەر جەريانىدىكى تەستە قولغا كېلىدىغان ھاسىلات ھېسابلىنىدۇ.

«شىنجاڭ ياخشى جاي»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى