خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونى قۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا نىڭشيا سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش كېرەك

2024-06-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونى قۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى داۋامىدا نىڭشيا سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىش كېرەك

6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن 20 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يىنچۇەن شەھىرى جىنفېڭ رايونى چاڭچېڭ خۇايۈەن مەھەللىسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزى مەھەللە سەھىيە پونكىتىدا تېببىي خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن 20 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ يىنچۇەن شەھىرى جىنفېڭ رايونىنىڭ چاڭچېڭ خۇايۈەن مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، مەھەللە ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يىنچۇەن، 6 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: نىڭشيا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش بىلەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن ئورتاق بېيىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادى گۈللەنگەن، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مۇھىتى گۈزەل، خەلقى باياشات گۈزەل يېڭى نىڭشيا قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نىڭشيا سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، شى جىنپىڭ چىڭخەيدىكى تەكشۈرۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن نىڭشياغا كەلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لياڭ يەنشۈن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جاڭ يۈپۇنىڭ ھەمراھلىقىدا، يىنچۇەن شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

يىنچۇەن شەھىرى جىنفېڭ رايونىنىڭ چاڭچېڭ خۇايۈەن مەھەللىسى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ مەھەللە. شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى ـ ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت زالى، مەھەللە سەھىيە پونكىتى، مېھىر ـ شەپقەت تاللا بازىرىغا كىردى، مەھەللە خىزمىتى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، مەھەللىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، قوشنىلار پائالىيىتى ۋە خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئارقىدىن، ئۇ مەھەللە پائالىيەت ئۆيىگە كېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ قەغەز قىيما ئىجادىيىتى، ئۇسسۇل مەشىقىنى زور قىزىقىش بىلەن كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پېنسىيەگە چىققان ئاھالىلەرنى ھەم ياشانغاندا ئوبدان كۈتۈنۈشكە، ياشانغاندا خۇشال ئۆتۈشكە، شۇنداقلا ياشانغاندا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئالاقە باغلايدىغان نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى بولۇپ، مەھەللىدە رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنى ياخشى، كۈچلۈك قۇرغاندىلا، مەھەللە خىزمىتى تايانچقا ئىگە بولىدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاھالىلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، دەل جايىدا ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مەھەللە ئاھالىسى جاۋ شوۋچېڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ مۇڭداشتى، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم قىلىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئاتچوت قىلىش، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىدى، ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئالقىشلىدى، بالىلارنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشكە ئىلھاملاندۇردى. جاۋ شوۋچېڭ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: يەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت مەھەللە قۇرۇلۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، بولۇپمۇ كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش، ئاھالىلەرنىڭ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تۇرمۇشىنى بېيىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، ھەر مىللەت ئامما مەھەللىدە ئىناق ئۆتىمىز، تۇرمۇشىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەمىز جان ـ دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، مەن ھەر مىللەت ئاممىنى، ھەممە ئائىلىنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم. سىلەرنىڭ ئائىلەڭلەرنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈپ، تۇرمۇشۇڭلارنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

كەچقۇرۇن، مەھەللىدىكى مەيدان ناھايىتى قىزىپ كەتتى، ئاھالىلەر باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس ـ بەستە چۆرىدەپ كېلىپ، قىزغىن چاۋاك چېلىپ قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ سەمىمىي ھالدا كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ، مەن يەنە بىر قېتىم نىڭشياغا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلاش ئۈچۈن كەلدىم، كۆپچىلىكنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم! جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ رىشتىنى چىڭ باغلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى ئورتاق تاماملىشىمىز كېرەك.

6 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، نىڭشيانىڭ خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: نىڭشيانىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى ۋە بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئۆزگىچە بولۇپ، خاسلاشقان، پەرقلىق كەسىپ تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، نىڭشيانىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان، بىرقەدەر كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. نىڭشيانىڭ زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ۋە يېڭى تىپتىكى ماتېرىيال كەسپى، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە كەسپى، ئۈزۈم ھارىقى، ئالقات قاتارلىق خاس كەسىپلىرىنى تۈجۈپىلەپ ئىشلەش، سىجىل راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خاس ساياھەتچىلىك، پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. نىڭشيانىڭ شىمالىي قىسمى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيىنى باشلاپ سۇغىرىدىغان رايون، ئوتتۇرا قىسمى قۇرغاق بەلباغ، جەنۇبىي قىسمى تاغلىق رايون بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار، ھەرقايسى جايلارنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئاساسى، بايلىق ـ مۇھىت سىغىمچانلىقى، ئېچىۋېتىش ـ ئېچىش يوشۇرۇن كۈچىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تاغ ـ دەريالار ھەمدەم بولىدىغان، شەھەر ـ يېزىلار يۇغۇرۇلغان، رايونلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نىڭشيا نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. بازار ئىگىلىكى ئاساسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەتلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جەمئىيەت سېلىنمىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى ۋە خېلەنشەن تېغى، ليۇپەنشەن تېغى، لوشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى ياخشى قوغداش نىڭشيانىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتنى پىلانلىشىدىكى ئۆلچەم سىزىقى، بايلىق ـ مۇھىت ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى «几 خەتلىك ئەگمە» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، ئورمان، ئوتلاق، سۇلۇق يەر، چۆللۈكنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «شىمالدىكى جياڭنەن بوستانلىقى»نى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. شەھەرنى يېڭىلاشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. نوپۇسنىڭ يۆتكىلىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى، ئۇل ئەسلىھەسى، ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، كۆچۈرۈلگەن مىليون ئاھالىنىڭ بېيىشىنى يۈكسەلدۈرۈش ھەرىكىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ـ كەنتلەردىكى كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نۇقتا بويىچە يار ـ يۆلەك بولۇش، جەمئىيەت يار ـ يۆلەك بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، خەۋپ ـ خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال ـ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر زور سىياسەت ـ فاڭجېنلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە گىرەلىشىش ئەمەلىيەت يولىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن ـ سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش ـ تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، نەتىجە ھاسىل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە قائىدىسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قائىدە ـ ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، خاتىرجەم ئىشلىشى، دادىل ئىشلىشىگە، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى، پائال نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەت كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.