يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

2024-09-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

سەي چى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى


9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجوۋ شەھىرىدە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىشيې خۇەنچىفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لەنجوۋ، 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجوۋ شەھىرىدە خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش، تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك تەلەپنى مەھكەم ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇغا قاراپ ئىش كۆرۈش، سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش، ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋادىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشتە يېڭى ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى ياخشىلىنىش بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ چاڭشېڭ، شەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ يىدې، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لوۋ ياڭشېڭ ئىلگىرى ـ كېيىن سۆز قىلىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى خىزمەت ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى، پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان باشقا ئۆلكە ـ ئاپتونوم رايونلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يازما سۆز تاپشۇردى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىت سۈپىتى مۇقىم ئاشتى، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى سىجىل كۈچەيدى، ئېنېرگىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يارقىن نۇقتىلار كۆپ بولدى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، ھېلىھەم ئاز بولمىغان قىيىن مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداش، كەڭ كۆلەمدە ماسلىشىش ئەندىزىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسىنى تۈزەشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىن تۇتىشىپ بىر گەۋدىلەشكەن ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇھىم ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇشلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ۋادى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كۆمۈر قېزىش سەۋەبىدىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلارنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بايلىق تىپىدىكى رايونلارنى تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى قىلىپ، مۇھىم تارماق ئېقىن ۋە نۇقتىلىق كۆل، سۇ ئامبارلىرىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، دەريا بويى، كۆل ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ مۇھىت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى پەۋقۇلئاددە تۆۋەن بۇلغىما چىقىرىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «تارقاق، قالايمىقان، بۇلغىما چىقىرىدىغان» كارخانىلارنى قانۇن بويىچە تۈزەپ، خەۋپ ـ خەتەر مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا مەدەت بېرىدىغان مالىيە ـ باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، باھا سىياسىتى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى رېئاللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پۈتۈن ۋادىلىق، بازارلاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەڭ قاتتىق بولغان سۇ بايلىقىنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇ بايلىقىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى چىڭ ساقلاپ، سۇ ئارقىلىق شەھەرنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق يەرنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق ئادەمنى بېكىتىش، سۇ ئارقىلىق كەسىپنى بېكىتىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ۋادىنى قاپلىغان سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، غول ـ تارماق ئېقىنلارنىڭ سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەش كېرەك. يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۇ ئورنىنى باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى يەر ئاستى سۈيىنى زىيادە تارتىشتىن شەكىللەنگەن ۋارونكىسىمان رايونلارنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك. «87 ـ يىل» سۇ تەقسىملەش لايىھەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش كېرەك. سۇ ھوقۇقى سودىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقى ھەققىنى باجغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. سۇ تېجەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سۇ تېجەشچان جەمئىيەت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ تىنچ بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سۇ ـ قۇمنى تەڭشەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، غول سۇ ئامبىرى قاتارلىق چوڭ ـ چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى ئاساس قىلغان تەڭشەش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. غول ـ تارماق ئېقىنلاردا بىرتۇتاش ئالدىنى ئېلىش، بىرتۇتاش تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، غول ئېقىندىكى نۇقتىلىق دەريا بۆلەكلىرى، خەتەرلىك قۇرۇلۇش، خەتەرلىك بۆلەكلەرنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم توسما، سۇ ئامبارلىرى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خۇاڭخې دەرياسى سۇچىلىق تۈگۈنىدىكى چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇشلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاپەتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش ـ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. خەتەرنى تەكشۈرۈش، خەتەرنى تۈگىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش تەشۋىقات ـ تەربىيەسىنى ۋە دائىملاشقان، ئەمەلىي جەڭ تۈسىنى ئالغان ماسلىشىپ سەپەرۋەرلىك قىلىش مانېۋىرىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تەرەققىيات شەكلىدە ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى ۋە جابدۇق تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ خاس، ئەۋزەل يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىك بولغاندىمۇ ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىپ، شورلۇق يەرلەرنى ئۇنىۋېرسال ئۆزگەرتىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭ ـ چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يەر ئۈستىدىكى ئېقىنلار، يەر ئاستى سۈيىگە بولغان تەسىرنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش لىنىيەسىنى پىلانلاپ قۇرۇشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە پاكىز ئېنېرگىيەنى ئورنىغا دەسسىتىشنى تېزلىتىش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، كاربوننى تۆۋەنلىتىش بويىچە ئۆزگەرتىش ۋە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، ئىلغار ياسىمىچىلىق توپىنى زورايتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. رايون ئىچىدىكى ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىقلارنى تېخنىكا يۆتكەش ۋە كەسىپلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورنىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنىڭ ماسلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى يەرلىك قورۇقچىلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدىغان رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك، ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەر ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى شەھەرلەر توپى نوپۇس توپلىنىش ۋە كەسىپلەر ھەمكارلىشىش جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. قاتناش، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق قاتارلىق ئۆلكە ـ ئاپتونوم رايون ھالقىغان زور ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشقا رايونلار بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا ماسلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭىچە شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى پۇختا قەدەمدە ئاشۇرۇش كېرەك. چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر ـ بازارلارنى ماس تەرەققىي قىلىش، تۈجۈپىلىك، ئىخچام ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقا يېتەكلەپ، ناھىيە بازىرىنىڭ كەسىپ ۋە نوپۇس كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايونلارنىڭ كۆتۈرۈش بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ناھىيە بازىرىنىڭ شەھەرنى تۇتاشتۇرۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى يېتەكلەش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ناھىيە تەۋەسىدە شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كەنت قۇرۇلۇشىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت بەرپا قىلىش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، شەھەر ـ بازارلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە يېزا ـ كەنت كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىگە دائىر زور سىياسەت ـ فاڭجېنلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەت، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسى جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم ماكانى، خۇاڭخې مەدەنىيىتىنى قوغداپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرى ۋە مىللەتنىڭ يىلتىزىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە تەبىئىي مىراسلارنى پۈتۈن گەۋدە بويىچە، سىستېمىلىق قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئارخېئولوگىيە قاتارلىق خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىنى ياخشى قوغداپ، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. خۇاڭخې مەدەنىيىتىنىڭ دەۋر قىممىتىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان مىللەت خىسلىتى ۋە كۈرەش قىلىش روھىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە خۇاڭخې مەدەنىيەت ـ ساياھەت بەلبېغى بەرپا قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، مەركەز رايونلار ماس تەرەققىياتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەيدەكچىلىك ـ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تەڭ كۈچ چىقىرىپ، يېڭى دەۋردىكى «خۇاڭخې ئومۇمىي خورى»نى ياخشى ئېيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 ـ پەسىلنىڭ ئاخىرى ۋە 4 ـ پەسىلدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان ـ ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ تاماملىشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى، 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئاچقۇچلۇق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پۇختا، مۇستەھكەم بولغان، كۈچلۈك تىرەككە ئىگە دۆلەت ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. «ئادەم بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتى»دىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلىپ، «سۇ ئارقىلىق تۆتنى بېكىتىش» پىرىنسىپىنى ھەر تەرەپلىمە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن ۋادىنىڭ سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەش كېرەك. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىگە ئاساسەن، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى قاتنىشىپ، ئىچكى ـ تاشقى ئېچىۋېتىشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئاشۇرۇپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇش كېرەك.

خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، مۇ خۇڭ، جياڭ شىنجى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار ئۆلكە ـ ئاپتونوم رايونلاردىكى مەسئۇل يولداشلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.