شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازان كرېمىل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رۇسىيە قازان، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، خۇاڭ خې) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازان كرېمىل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى بوران - چاپقۇنلۇق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، «ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 - تەرەپكە قاراتماسلىق»تىن ئىبارەت قوشنا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ توغرا بولغان چىقىشىپ ئۆتۈش يولىنى تېپىپ چىقتى. ئىككى تەرەپ مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر، دۇنيا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، لېكىن جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتەك چوڭقۇر دوستلۇقى ئۆزگەرمەيدۇ، دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىپ، ئاممىنى خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقى ئۆزگەرمەيدۇ. گەرچە مۇرەككەپ، كەسكىن تاشقى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى مۇقىم يۈرۈشۈۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكىلار ئىچىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخ قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغدىشى، ئورتاق ھالدا يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى قوغدىشى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش سۇپىسى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيەنىڭ رەئىس دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىمقى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت ئاكتىپ سىگنال تارقىتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يېڭى پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: يېقىندا، بىز رۇسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدۇق. 75 يىلدىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىغا ئايلاندى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. رۇسىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقى باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، نۆۋەتتە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، رۇسىيە - جۇڭگو مەدەنىيەت يىلىدىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. كېلەر يىلى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. رۇسىيە بىلەن جۇڭگو دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىق بەردى، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنىنى خاتىرىلەشنى خالايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى شۇنداقلا خەلقئارا ئىشلاردىكى ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق ساقلاپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە يەرشارىۋى ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ رۇسىيە تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتى بولغان مەزگىلدە كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئەزا كۆپەيتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «بۈيۈك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»دا ئۈزلۈكسىز پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.