شى جىنپىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك
لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى
10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)دە ئوقۇش باشلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىشقا يېتەكلەپ، قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن لايىھەلەپ ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى، بۇ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرى، نەزەرىيە نەتىجىلىرى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئاساس ۋە قىممەتلىك تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن پۇختا ئىگىلەشكە تېگىشلىك، باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ. ئىسلاھاتىمىزنىڭ يۆنىلىشى بار، پىرىنسىپى بار. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى نېگىزگە مۇناسىۋەتلىك، يۆنىلىشكە مۇناسىۋەتلىك، ئۇزاق مەزگىلگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى ۋە ئاساسىي مەقسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا قىلچە تەۋرىنىشكە بولمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئىسلاھات باش نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر باش نىشان كۆرسەتكەن يۆنىلىشكە قاراپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى قەتئىي ئۆزگەرتىش، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك. دەۋرنىڭ تەرەققىيات يېڭى يۈزلىنىشىگە، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك، ماس ئالغا سىلجىتىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، شۇنداقلا باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھات بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى، ئىلمىي ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات كۈچى ئارقىلىق قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھاتتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى پائال رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بارلىق پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغداش كېرەك. بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنىڭ دىيالېكتىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنى تەڭ تۇتۇپ، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىپ، ئورنىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورنىتىپ، بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئورنىتىش ئاساسىدا ۋاقتىدا بىكار قىلىپ، بىكار قىلىش بىلەن ئورنىتىشنىڭ بىرلىكىدە ئىسلاھاتنى پۇختا قەدەم بىلەن تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تاشقى سودا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ۋە چەت ئەلگە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان 1 - قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئورۇنلاشتۇرما قىلىش بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى لايىھەلەشتە جەزمەن ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت ئېنىق، زەنجىر مۇكەممەل، ھەممە ھالقىلار بىر - بىرىگە باغلانغان خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان. سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، قىيىنچىلىققا قارشى ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي جاسارەت بىلەن زىددىيەت ۋە مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، جاھىل ئىللەتلەرنى تۈگىتىشتە بىپەرۋالىق قىلماي، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشتا چېكىنمەي، جاسارەت بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشى كېرەك. ئىلمىي ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشقا ماھىر بولۇپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەل جايىدا، ئەتراپلىق پىلان تۈزگەندىن كېيىن، ئاندىن ھەرىكەتلىنىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاش ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئىسلاھات ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن «قارارى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراشلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزاھلاشنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىقات، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئىسلاھاتنى ئورتاق تۇتۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. كادىرلار ۋە ئاممىنى ئومۇمىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات داۋامىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ۋە شەخسىي پايدا - زىيانغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا بېكىتىلگەن بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ساقلانما مىقدار سىياسىتى بىلەن ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، كېيىنكى ئىككى ئايدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
لى چياڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىدىيەسى چوڭقۇر، بايانلىرى مۇپەسسەل، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىۋىلىققا، نەزەرىيەۋىلىككە، قاراتمىلىققا، يېتەكلەشچانلىققا ئىگە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا چۈشىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي نىشانى، مۇھىم پىرىنسىپى، ئىلمىي ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇرچ بىلەن ئۆگىنىپ، مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆگىنىپ، مەسىلىگە تەتبىقلاپ ئۆگىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىگىلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىجادىي ياخشى تۇتۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن باشلىقلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەلىك مۇئاۋىن رەئىسلىرى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر، ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مۇھاكىمە كۇرسىغا قاتناشتى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ھەم ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.