تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خۇبېي سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

2024-11-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خۇبېي سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شيەننىڭ شەھىرىنىڭ جيايۈ ناھىيەسى پەنجياۋەن بازىرىدىكى ئون چاقىرىملىق كۆكتات كارىدورىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كۆكتاتچى دېھقان بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋۇخەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خۇبېيدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: خۇبېي پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى بۇرچ - ۋەزىپىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ خۇبېي سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنىدىن 6 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ مېڭخۇي ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جۇڭلىننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شياۋگەن، شيەننىڭ، ۋۇخەنگە كېلىپ، مۇزېي، يېزا، پەن - تېخنىكا ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ شياۋگەن شەھىرى يۈنمېڭ ناھىيەلىك مۇزېيغا كېلىپ، قېزىۋېلىنغان چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تارىشا پۈتۈكلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمە قىلىنغان چىن سۇلالىسىنىڭ 18 تۈرلۈك قانۇنى 2200 نەچچە يىل ئىلگىرىلا، دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى قانۇن - تۈزۈملىرىنىڭ سىستېمىلاشقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شى جىنپىڭ تارىشا پۈتۈكلەرنىڭ مەزمۇنى، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى ۋە قوغداش، تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى گۆھىرىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، ساقلاپ قېلىپ، كېيىنكىلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنى مىللەتنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ شيەننىڭ شەھىرى جيايۈ ناھىيەسىگە بېرىپ، ئالدى بىلەن پەنجياۋەن بازىرى ئون چاقىرىملىق كۆكتات كارىدورىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. كەچ كۈز مەزگىلىدە، بۇ يەر يەنىلا يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. شى جىنپىڭ ئېتىزلارغا كىرىپ، كۆكتاتلارنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆكتات تۈرى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى، سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزىلارنىڭ يېرى كەڭ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق. زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، جەزمەن پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا تايىنىپ، پەن - تېخنىكىنى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى قاناتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئۇ شۇ جايدىكى كادىرلار، ئاممىنى پەن - تېخنىكا يولى، سۈپەت يولى، داڭلىق ماركا يولىدا مېڭىپ، كۆكتات تېرىقچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پەنجياۋەن بازىرى سىيى كەنتىگە كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ كەنت ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى پونكىتى، پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىگە كىرىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئەسلىھەلىرى ۋە خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ يۈرۈشۈشى ۋە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «ياشانغانلار - بالىلار»دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك ھالدا ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى سەرپ قىلىپ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

كەنت ئاھالىسى شيۇڭ چېڭلۇڭنىڭ ئۆيىدە، شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، بالىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئائىلە كىرىمى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. مۇشۇ يىللاردا شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ، دېھقانلارنىڭ ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، شى جىنپىڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ياخشى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

كەنتتىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى باش شۇجىنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، ئالدى بىلەن خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. يۇرتداشلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، خاس كەسىپلەردىن تېخىمۇ ئۈنۈم يارىتىپ، كەنتنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، بىرلىكتە بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋۇخەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىدا تەكشۈرۈشتە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەمىنلەش زەنجىرى سۇپىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللىرى كۆرگەزمىسى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كۆردى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تەدبىرلەرنى ئىگىلىدى، پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزدى، پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ تەخىرسىز تەلەپلەرنى قويدى. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋە كارخانىچىلار ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز تۆھپە قوشۇشى، نەتىجە يارىتىشى كېرەك.

11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، خۇبېينىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خۇبېينىڭ پەن - مائارىپ ئىختىساسلىقلار ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش كېرەك. مەملىكەت بويىچە يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، تىرىشىپ پۈتۈن مەملىكەتتە تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك ماركىلارنى يارىتىش كېرەك. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر، ئەۋرىشىم زامانىۋى سۇ تورىنى كۈچەپ قۇرۇپ، ۋادىلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى ئون يىل چەكلەشنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خۇبېي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە دادىل ئىزدىنىشى كېرەك. نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى ياخشى تۇتۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ جانلىق بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى قۇرۇقلۇقنى ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەرتىپلىك ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خۇبېي شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش جەھەتتە جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشى كېرەك. ۋۇخەن مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى مەركەز قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خاسلىققا ئىگە ناھىيەلەرنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پۇختا تۇتۇش كېرەك. خاس كەسىپ ۋە كۆپ خىل ئىگىلىكنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى تېزلىتىش كېرەك. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خۇبېينىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر، قىزىل بايلىقى مول، مەدەنىيەت بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا بۇرچنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك. تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ھەم جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، چاڭجياڭ دەرياسى مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەسىنى تەتقىق قىلىش ۋە تارقىتىش، نامايان قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. دابيېشەن تېغى روھى، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش روھى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كەڭ ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېڭىچە مەدەنىيەت كەسىپ ھالەتلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئاممىنىڭ يېنىغا يەتكۈزۈش كېرەك. ئېسىل مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىسى ۋە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى يېتىلدۈرۈشنى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەم باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىزچىل ياخشى تۇتۇپ، ھەم ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ، بۆسۈشكە جۈرئەت قىلىپ، ھەم ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشقا ماھىر بولۇپ، تارىخ، ئەمەلىيەت ۋە خەلقنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان بەرپا قىلىش كېرەك. پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى قىلچە توختىتىپ قويماي، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل ئاخىرلىشىدىغانغا يەنە ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت قالدى، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى، بولۇپمۇ ئىقتىساد خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، تىرىشىپ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.