شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2024-11-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا داۋاملىق قاتناشتى. باشلىقلار يىغىنىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق يىغىنىدا «يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئاپپاراتى ئىسلاھاتى» قارالمىسىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلغاندا، شى جىنپىڭ «قول تۇتۇشۇپ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. باشلىقلار يىغىنىدا «ئادىل دۇنيا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىندى ھەم «ئاچارچىلىققا ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش يەرشارىۋى ئىتتىپاقى» قۇرۇش قارار قىلىندى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە بىرازىلىيە تەرەپ تەشەببۇس قىلغان «ئاچارچىلىققا ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش يەرشارىۋى ئىتتىپاقى»غا قاتنىشىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىئودې ژانېيرو، 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارنى سىيى، جياڭ يەن) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېيرودا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 19 - قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى.

باشلىقلار يىغىنىنىڭ 1 - باسقۇچىدا «ئاچارچىلىققا ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش» قارالمىسىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە قىلغاندا، شى جىنپىڭ «ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئادىل دۇنيا بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز لەيلەپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ كۆزنى توسۇۋېلىشىدىن قورقماي، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلىپ، تارىخىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى خاڭجوۋ باشلىقلار يىغىنىنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەندە، تۇنجى قېتىم تەرەققىيات قارالمىسىنى ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى مەركىزىي ئورۇنغا قويدى، بۇ قېتىمقى رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنى «ئادىل دۇنيا ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتا بەرپا قىلىش»نى باش تېما قىلدى ھەم «ئاچارچىلىققا ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش يەرشارىۋى ئىتتىپاقى» قۇرۇشنى قارار قىلدى. خاڭجوۋدىن رىئودې ژانېيروغىچە، بىز ئوخشاش بىر نىشانغا يەنى ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىشقا تىرىشتۇق.

مۇشۇنداق دۇنيانى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، بىز سودىغا مەبلەغ سېلىش، تەرەققىيات جەھەتتە ھەمكارلىشىش قاتارلىق ساھەلەردە بايلىق سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، تەرەققىيات ئاپپاراتلىرىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق كۆۋرۈكىنى كۆپرەك سېلىپ، «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش»نى ئازراق قىلىپ، بارغانسېرى كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشىمىز، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىغا مەدەت بېرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلار كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشى، مۇھىت بۇلغىنىش قاتارلىق خىرىسلارغا پۇختا تاقابىل تۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، كەمسىتىش بولمىغان خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقىلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىيات ئېقىمىغا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىشنى قوللىشىمىز كېرەك؛ كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يەرشارىۋى ئورتاق تەرەققىياتنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. جۇڭگو 800 مىليون نامرات ئاھالىنىڭ پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىرمۇ نامرات رايون، بىرمۇ نامرات ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ» دەپ تەنتەنىلىك ۋەدە بەردى. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە چىڭ تۇرۇش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا نامراتلارنى يۆلەشتە چىڭ تۇرۇش، شۇ جاينىڭ خاس كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا نامراتلارنى يۆلەشتە چىڭ تۇرۇش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا نامراتلارنى يۆلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مۇساپىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، تامچە سۇ تاشنى تېشىدىغان، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان چىدامچانلىق، قەتئىي ئىرادە ۋە كۈرەش قىلىش روھى بويىچە، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئاجىز قۇش بالدۇر ئۇچىدۇ، ئېگىز ئۇچىدۇ. جۇڭگو مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ بىر ئەزاسى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچلىك ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق ھەمراھى، شۇنداقلا يەرشارىۋى تەرەققىيات ئىشلىرىنى قوللايدىغان ھەرىكەت قىلغۇچى ۋە ئەمەلىي ئىشلىگۈچى بولۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى تەرەققىياتنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى جاكارلىدى.

بىرىنچى، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، يېشىل يىپەك يولىنى يېتەكچى قىلىپ، رەقەملىك يىپەك يولىغا كۈچ قوشىدۇ.

ئىككىنچى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى جەنۇب تەتقىقات مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى داۋاملىق قوللاپ، نامراتلارنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

ئۈچىنچى، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ. جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا كەلگۈسى ئۈچ يىلدا جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدىغان ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتىنى يولغا قويىدىغانلىقى ھەم بۇنى مەبلەغ مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى جاكارلاندى.

تۆتىنچى، نامراتلارنى ئازايتىش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ «ئاچارچىلىققا ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش يەرشارىۋى ئىتتىپاقى»غا قاتنىشىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى تەرەققىيات مىنىستىرلار يىغىنىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈشنى قوللاش ھەم خەلقئارا ئاشلىقنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئازايتىش يىغىنىنى داۋاملىق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

بەشىنچى، جۇڭگو بىرازىلىيە، جەنۇبىي ئافرىقا، ئافرىقا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە «ئوچۇق، ئىلمىي خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرشارىۋى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

ئالتىنچى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبىغا بەخت يارىتىدىغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ، بېيجىڭدا تەسىس قىلىنغان 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىگىلىك تىكلەش تەتقىقات مەركىزىنىڭ خىزمىتىنى قوللايدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رەقەملىك مائارىپ، مۇزېينى رەقەملەشتۈرۈش، قەدىمكى ئەسەرلەرنى رەقەملەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللايدۇ.

يەتتىنچى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەت پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ پۇل - زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش، چىرىكلىكنىڭ پاناھ جايى بولۇپ قېلىشنى رەت قىلىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

سەككىزىنچى، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە قارىتا يەككە تەرەپلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىدۇ، جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان بارلىق ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەرگە 100 باج تۈرىدىكى مەھسۇلاتتىن تاموژنا بېجى ئالماسلىق ئىمتىيازى بېرىشنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق بىلدۈردى: مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرمۇ بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان بىر ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىپ، نامراتلىقنى ئۆتمۈشكە، گۈزەل ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

باشلىقلار يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن بىرلىكتە بىرازىلىيە تەرەپ تەشەببۇس قىلغان «ئاچارچىلىققا ۋە نامراتلىققا تاقابىل تۇرۇش يەرشارىۋى ئىتتىپاقى»نى قوزغىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.