4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرى ئىبراھىم مالايسىيا دۆلەت خان ئوردىسىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇئالالۇمپۇر، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، سۈن خاۋ) 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرى ئىبراھىم مالايسىيا دۆلەت خان ئوردىسىدا جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.
4 - ئايدىكى كۇئالالۇمپۇردا قۇياش ئىللىق نۇر چېچىپ تۇراتتى، ئوت - چۆپلەر، دەل - دەرەخلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەنىدى.
ئىبراھىم دۆلەت خان ئوردىسى مەيدانىدا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يېتىپ بارغاندا، ئىبراھىم ۋە مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر ئاپتوموبىلدىن چۈشۈش ئورنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - مالايسىيا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى دۆلەت خان ئوردىسى زالىغا كىرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملاشتى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار، دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى قاينام - تاشقىنلىققا تولغان يېرىم ئەسىرنى بېسىپ ئۆتۈپ، تېخىمۇ گۈزەل ئىستىقبالنى كۈتۈۋالماقتا. مەن ئالىي رەھبەر ئىبراھىم بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - مالايسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، قوشنىلار ئىناق دوستانە ئۆتۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگو - مالايسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى «ئالتۇن 50 يىل»ىنى باشلاشنى خالايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللىشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك. «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچە رايونى»، شەرقىي دېڭىز قىرغىقى تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ياخشى قۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد قاتارلىق كەلگۈسى كەسىپ ھەمكارلىقىنى چىڭ تۇتۇپ يېتىلدۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مالايسىيانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالايسىياغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. مالايسىيا تەرەپ بىلەن بولغان «رۇجيا مەدەنىيلىكى بىلەن ئىسلام مەدەنىيلىكى سۆھبىتى»نى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مالايسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قوللايدۇ، مالايسىيا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرشارى جەنۇبىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.
ئىبراھىم مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مالايسىيادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، مالايسىيا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. مەن بۇلتۇر 9 - ئايدا جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولدۇم، بۇ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىمدە. ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم مالايسىيادا زىيارەتتە بولۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو كىشىنى قايىل قىلىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ پايدىسىدىن بولغان. مالايسىيا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. مالايسىيا تەرەپ رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى ئورتاق مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. مالايسىيا تەرەپ يېقىندا جۇڭگودا ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيا ۋە رايون خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، مالايسىيا تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىنچ، گۈللەنگەن كەلگۈسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئىبراھىم ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.