شى جىنپىڭ كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن كۆرۈشتى

2025-04-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، كامبودژا پادىشاھى سىخامونى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن فىنوم پېن خان ئوردىسىدا كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىنوم پېن، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، لى كەي، ۋۇ چاڭۋېي) 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، كامبودژا پادىشاھى سىخامونى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن فىنوم پېن خان ئوردىسىدا كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ يېتىپ بارغاندا، سىخامونى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈش ئورنىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپكە تىزىلىپ تۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پادىشاھ سىخامونى تەختكە چىققانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ۋە كامبودژا كالېندارى بويىچە يېڭى يىل پەيتىدە تەكلىپ بىلەن گۈزەل كامبودژادا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، كامبودژا خەلقىگە يېڭى يىللىق بەخت تىلەيمەن. كامبودژانىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرى كۈندىن - كۈنگە يۈكسىلىۋاتىدۇ، ئىشىنىمەنكى، پادىشاھ سىخامونىنىڭ ھىمايىسىدە، ئەمگەكچان، ئەقىل - پاراسەتلىك كامبودژا خەلقى چوقۇم دۆلەتنى تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي - قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ دوستلۇقى مىڭ يىلدىن ھالقىدى، ئىككى دۆلەت خەلقى باشتىن - ئاخىر قوش يۆنىلىشتە ئاتلىنىپ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت ئىشەنچ ۋە ھەققانىيەتنى چىڭ ساقلاپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، سەمىمىي بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىپ، كامبودژا خەلق ئاممىسىغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كامبودژا خان جەمەتى بىلەن بولغان دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، كۆپ يىللاردىن بۇيان كامبودژا خان جەمەتىنىڭ جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇق ئىشلىرىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - كامبودژا ئىككى تەرەپ جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى بىلەن شاھىنشاھ سىخانوك ئورتاق بەرپا قىلغان جۇڭگو - كامبودژا تەۋرەنمەس دوستلۇقىنى قەدىرلەپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ مۇقىملىقنى ساقلاپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كامبودژا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا چوقۇم شانلىق سەھىپە پۈتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

سىخامونى كامبودژا خان جەمەتى، كېڭەش پالاتاسى، ھۆكۈمەت ۋە بارلىق خەلققە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. سىخامونى مۇنداق بىلدۈردى: كامبودژا - جۇڭگو دوستلۇقىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلدى ۋە يېتىشتۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق كۈنسايىن قويۇقلاشتى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەر ئايدا ئىلگىرىلەش بولدى، ھەر يىلى نەتىجىلىك بولدى دېيىشكە بولىدۇ. كامبودژا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ كامبودژاغا غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى بىر قېتىملىق تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەت بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى تولۇقلاپ، كامبودژا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. كامبودژا تەرەپمۇ جۇڭگو تەرەپ بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى - جۇڭگو ھەمكارلىقى، لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې دەرياسى ھەمكارلىقى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

سىخامونى شى جىنپىڭغا «كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى چوڭ زەنجىر دەرىجىلىك ئوردېنى»نى بەردى.

سىخامونى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كامبودژاغا ئالاھىدە دوستلۇق مېھرى بار، كامبودژا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى، كامبودژانىڭ ئۇلۇغ دوستى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئوردېن كامبودژانىڭ جۇڭگو - كامبودژا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇنىڭغا كامبودژا خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ شان - شەرەپ ماڭا مەنسۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقى ئۈچۈن چوڭقۇر ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق دوستانە زاتلارغا مەنسۇپ.

شۇ كۈنى كەچتە، سىخامونى شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.