4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن پۇتراجايادىكى زۇڭلى سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مالايسىيا پۇتراجايا، 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نى سىيى، ساۋ كەي، ماۋ پېڭفېي) 4 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر بىلەن پۇتراجايادىكى زۇڭلى سارىيىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ زۇڭلى سارىيىغا يېتىپ بارغاندا، ئەنۋەر قىزغىن كۈتۈۋالدى. مالايسىيالىق ياش - ئۆسمۈرلەر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شادىيانە دۇمباق ساداسىغا جور بولۇپ، قىزغىن مىللىيچە ئۇسسۇل ئويناپ، يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مىڭ يىلدىن ھالقىدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا بارلىققا كېلىپ، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈش جەريانىدا مۇستەھكەملىنىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش جەريانىدا يۈكسىلىپ، قەلبداش بولۇش، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىش، ھەققانىيەتنى ياقلاش، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىشتەك ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تارىخىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى نامايان قىلدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى. بۇلتۇر، ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدۇق. ئۆتكەن 50 يىلدا جۇڭگو - مالايسىيا مۇناسىۋىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى تەرەپ كېيىنكى 50 يىلدا تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى داۋاملىق ئىگىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋر دولقۇنىنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىش ئۈچۈن، رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى:
بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى دۆلەت ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىپ، بىر - بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم تۇتۇشى كېرەك. دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى «2 + 2» سۆھبەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مۇداپىئە ئىشلىرى، قانۇن ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
ئىككىنچى، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھەمكارلىق ئۈلگىسىنى يارىتىش كېرەك. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، بۇ، مالايسىيانىڭ «ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش» پىلانى بىلەن شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ، ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە. ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، كۆك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ھەمكارلىقنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى، سانلىق مەلۇمات زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تۆمۈريول - دېڭىز بىرلەشمە تىرانسپورتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچە رايونى»نىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مالايسىيادىكى مۇھىم پورتلارنى «قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى»دىكى مۇھىم تۈگۈنگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.
ئۈچىنچى، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشكە ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. «رۇجيا مەدەنىيلىكى بىلەن ئىسلام مەدەنىيلىكى سۆھبىتى» ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت ھەتتا رايون قاتلىمىدىن مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، ساياھەت، ياشلار، يەرلىكلەر ئالاقىسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە، كىنو، تاراتقۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مالايسىيا تەرەپ بىلەن مۈشۈكئېيىقنى قوغداش ھەمكارلىقى ۋە تەتقىقاتىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مالايسىيا تەرەپ بۇ يىللىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش تېمىسىنى «سىغدۇرۇشچانلىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق» دەپ بېكىتىپ، ۋەزىيەتنى چوڭقۇر كۆزەتكەنلىكىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ مالايسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېلىشىمنامىسىنى بالدۇرراق ئىمزالاپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش» ۋە قالايمىقان تاموژنا بېجى ئېلىشقا قارشى تۇرۇپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئاسىيا قىممەت قارىشى ئارقىلىق ئاجىزلارنى كۈچلۈكلەر يۇتۇۋالىدىغان ئورمان قائىدىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ۋە ئېنىقلىقى ئارقىلىق دۇنيانىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.
ئەنۋەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مالايسىياغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو مالايسىياغا سەمىمىي ياردەم بېرىپ كەلدى، تىنچ - ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەردە بىللە بولدى، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولدى، جۇڭگو مالايسىيانىڭ ئىشىنىشىگە ئەرزىيدىغان دوستى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكلىدى، ئورتاق گۈللىنىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇ بۈگۈنكى دۇنيادىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر. مالايسىيا خەلقى جۇڭگو ۋە رەئىس شى جىنپىڭغا قايىل. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن رېكورت خاراكتېرلىك ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مالايسىيا تەرەپ ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، مالايسىيا تەرەپ بۇنىڭدىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدى. مالايسىيا تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» قىلمىشىنى قوللىمايدۇ. مالايسىيا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ؛ ئىككى دۆلەت سودىسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالايسىياغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، مالايسىيا تەرەپ بىلەن رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ؛ مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ ئىسلام مەدەنىيلىكى بىلەن رۇجيا مەدەنىيلىكى سۆھبىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يەككە تەرەپچىلىكنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قارىتا، مالايسىيا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەرقانداق ئۆز ئالدىغا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئۇسۇلىنى قوللىمايدۇ، ھەمكارلىق ئارقىلىق بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ساقلايدۇ. مالايسىيا تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرىدە جارى قىلدۇرغان ئاكتىپ رولىنى يۈكسەك تەرىپلەيدۇ. مالايسىيا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى − جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن مالايسىيا ئىككى تەرەپنىڭ 30 نەچچە پارچە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئالماشتۇرۇشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى، بۇ، ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس ھەمكارلىقى، «رۇجيا مەدەنىيلىكى بىلەن ئىسلام مەدەنىيلىكى سۆھبىتى»، رەقەملىك ئىقتىساد، مۇلازىمەت سودىسى، «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچە رايونى»نىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىرلەشمە تەجرىبىخانا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تۆمۈريول، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈش، ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش، مۈشۈكئېيىقنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن مالايسىيانىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك جۇڭگو - مالايسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
شۇ كۈنى كەچتە، ئەنۋەر شى جىنپىڭ ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.