شى جىنپىڭ كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن فىنوم پېنغا يېتىپ باردى

2025-04-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مالايسىيادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇردى

شى جىنپىڭ كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن فىنوم پېنغا يېتىپ باردى

شۇ جاي ۋاقتى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا پادىشاھى سىخامونىنىڭ تەكلىپى بىلەن، كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن فىنوم پېنغا يېتىپ باردى. پادىشاھ سىخامونى چىنۋاڭ شياكاپېڭ، مەلىكە ئالۇن قاتارلىق خان جەمەتى ئەزالىرى، خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭ سېن، پارلامېنتنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى چيەن يې ھەمدە گو سوپا، بۇلا سوكۇن، خەنچۇن نالو، شاۋ سوكا، خۇڭ مانى قاتارلىق بەش مۇئاۋىن ۋەزىرنى باشلاپ ئايروپورتتا قىزغىن كۈتۈۋالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سىخامونى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فىنوم پېن، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، ليۇ لىۋېي) شۇ جاي ۋاقتى 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا پادىشاھى سىخامونىنىڭ تەكلىپى بىلەن، كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن فىنوم پېنغا يېتىپ باردى.

شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن فىنوم پېن خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، پادىشاھ سىخامونى چىنۋاڭ شياكاپېڭ، مەلىكە ئالۇن قاتارلىق خان جەمەتى ئەزالىرى، خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭ سېن، پارلامېنتنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى چيەن يې ھەمدە گو سوپا، بۇلا سوكۇن، خەنچۇن نالو، شاۋ سوكا، خۇڭ مانى قاتارلىق بەش مۇئاۋىن ۋەزىرنى باشلاپ ئايروپورتتا قىزغىن كۈتۈۋالدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپكە تىزىلىپ تۇردى. كامبودژا خان جەمەت مەلىكىسى جېننا شى جىنپىڭغا يەسىمەن گۈلدىن ياسالغان بىلەك ھالقا تەقدىم قىلدى، قىزلار يول بويى قىزىل پاياندازغا گۈل بەرگىلىرىنى چاچتى.

سىخامونى ئايروپورتتا شى جىنپىڭ ئۈچۈن داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى. ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. شى جىنپىڭ سىخامونىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ بولۇپ كەلگەن خادىملىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ سالاملاشتى.

شۇ جايدىكى نەچچە يۈز خەلق ئاممىسى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، « ياشىسۇن كامبودژا - جۇڭگو دوستلۇقى، ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلى پەيتىدە، كامبودژا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە يېڭى يىللىق گۈزەل تىلىكىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - كامبودژا مۇناسىۋىتىنى ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان، كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرگەن بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىشلىرىدا بىر - بىرىنى قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش كۈرىشىدە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. مەن كامبودژا رەھبەرلىرى بىلەن دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىق رامكىسىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

جۇڭگونىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ ۋېنبىنمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ئايروپورتتىن ئۆزى چۈشىدىغان مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، جۇڭگو - كامبودژا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. شۇ جايدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق خەلق ئاممىسى ھەمدە خۇاچياۋ - خۇارېنلار، جۇڭگو مەبلىغى كارخانىلىرى ۋە كامبودژادا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، قولىدا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇئالا لۇمپۇر، 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مياۋ شياۋجۈەن) 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالايسىيادىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

كۇئالا لۇمپۇردىن ئايرىلىدىغان چاغدا، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇھەممەد، ھەمراھ مىنىستىر، قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لۇ جاۋفۇ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى. مالايسىيا ياشلىرى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، شۇ جايدىكى جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلارنىڭ خادىملىرى، مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە خۇاچياۋ - خۇارېنلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ جۇڭگو - مالايسىيا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ مالايسىيادىكى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.