شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ۋيېتنام خەلقى چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

2025-04-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانوي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ۋيېتنام خەلقى چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ «ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، تەقدىرداش بولۇش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانوي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ۋيېتنام خەلقى چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: پائالىيەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سۇ لىن، لياڭ چياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، جۇڭگو - ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى توغرىسىدىكى سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خاۋ ۋېيۋېي، جياڭ چاۋ) 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانوي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ۋيېتنام خەلقى چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى دوستانە زاتلار قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

شى جىنپىڭ «ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، تەقدىرداش بولۇش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ پائالىيەتكە قاتناشقان ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. ئۇزاقتىن بۇيان، قول تۇتۇشۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنقىلاب ئوتىنى تارقىتىشتىن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، يەنە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ئورتاق ئاتلىنىشقىچە، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى دۆلەت خەلقى باشتىن - ئاخىر جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ تارىخىي سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشى داۋامىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى، ئىككى دۆلەت خەلقى دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ھەققانىيەت ئىشلىرىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىگە قىپقىزىل ئاساسىي رەڭ قوشتى. جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى داۋامىدا چېچەكلەپ مېۋە بەردى، ئىككى تەرەپ «ئالتە تېخىمۇ» ئومۇمىي نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى داۋامىدا ۋارىسلىق قىلىندى، يۈكسەلدى، ئىككى تەرەپ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، باشتىن - ئاخىر قەتئىي تۈردە تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، دەۋر تەرەققىياتى تەرەپتە تۇرۇپ، ئاسىيا ۋە دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشى جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ پۇختا ئاساسى. ياشلار ئىشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ۋيېتنام ياشلىرىنى جۇڭگوغا كېلىپ «قىزىل تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى»نى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ ئىنقىلابىي ئىزلىرىنى بويلاپ، جۇڭگو - ۋيېتنام دوستلۇقىنىڭ قىزىل گېنى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن قىياپىتىنى ھېس قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە تەكلىپ قىلىدۇ.

سۇ لىن مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنامدا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولغان، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلىنى ئورتاق تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو - ۋيېتنام خەلقىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دوستانە ھەمكارلىق ئىزچىل ۋيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى بولۇپ كەلدى، جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى ۋيېتنامنىڭ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە قۇرۇلۇش مۇساپىسى داۋامىدا خالىس ياردەم بەردى، بۇنى ۋيېتنام تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ۋيېتنام - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كىرىشكە يېتەكلەيدۇ، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. ياشلار ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۈمىدى. ۋيېتنام - جۇڭگو ياشلىرى تارىخىي بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان ۋە يېتىشتۈرگەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك؛ ۋيېتنام ياشلىرىنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ «قىزىل تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى» پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ «يولداش ھەم قېرىنداش»تەك دوستلۇق رىشتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

پائالىيەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ سۇ لىن، لياڭ چياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى سۈرەتلەر كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، جۇڭگو - ۋيېتنام ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ئالاقىسىگە دائىر قىممەتلىك كۆرۈنۈشلەرنى قايتا ئەسلىدى.

پائالىيەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۇ لىن، لياڭ چياڭ بىلەن بىرلىكتە «قىزىل تەتقىقات - ئۆگىنىش سەپىرى» تۈرىنى قوزغاتتى. شى جىنپىڭ سۇ لىن، فەن مىڭجېڭ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ۋيېتنام تۆمۈريول ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى قوزغىتىش مۇراسىمىغا گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.