شى جىنپىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك
5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لوياڭ ئوققازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كارخانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە بولدى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لوياڭ لۇڭمېن تاش غارىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ساياھەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جېڭجوۋ، 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، خېنەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشى، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى ۋە يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك ئۆلكىسى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ مەدەنىيەتنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تۇپرىقىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.
5 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 20 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ نىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ كەينىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لوياڭ، جېڭجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن لوياڭ ئوققازان گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. بۇ شىركەتنىڭ ئاساسى «1 - بەش يىل» مەزگىلىدە قۇرۇلغان لوياڭ ئوققازان زاۋۇتى. ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇتتا، شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىگىلىدى، ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئوققازان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئىقتىدارى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىگە يېقىن بېرىپ ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ چۆرىدىشىپ كەلگەن كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىگە مۇنداق دېدى: ياسىمىچىلىق خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق نىسبىتىنى جەزمەن ساقلاش كېرەك. زامانىۋى ياسىمىچىلىق پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. ئۇ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى باش قەھرىمانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشقا، كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
ئارقىدىن، شى جىنپىڭ شەرقىي خەن سۇلالىسى يىللىرىدا ياسالغان بەيما ئىبادەتخانىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، بۇددا دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ۋە ئىبادەتخانىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بەيما ئىبادەتخانىسى بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىش، راۋاجلىنىش ۋە ئۈزلۈكسىز جۇڭگوچىلىشىش مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش تامامەن توغرا بولۇپ، دىننى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە يۇغۇرۇلۇشقا، سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.
1500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە لۇڭمېن تاش غارى مۇھىم دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدۇ. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، تاش غارنىڭ ئومۇمىي جايلىشىش قىياپىتى ۋە ۋەكىل خاراكتېرلىك بۇت تەكچىسى، ھەيكەللەرنى كۆزدىن كەچۈردى، نەق مەيداندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گۆھەرلىرىنى ياخشى قوغداش، ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى ياخشى تارقىتىش كېرەك. ساياھەتچىلەر باش شۇجىنى كۆرۈپ، ھەممىسى ئىنتايىن خۇشال بولدى، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ پات - پات كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، بولۇپمۇ كىچىك دوستلارنى نەق مەيدانغا كۆپرەك بېرىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كىچىكىدىن باشلاپ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇنى ھەقىقىي تۈردە تۈۋرۈك كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.
5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، خېنەننىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. مۇرەككەپ تاشقى مۇھىت ئالدىدا، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، تىرىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق ھەر خىل ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. خېنەن ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. نۇقتىلىق ۋادىلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خېنەننىڭ ئومۇمىي نوپۇس سانى، نوپۇس زىچلىقى، نوپۇسنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى بىرقەدەر چوڭ، جەمئىيەت مەسىلىلىرى مۇرەككەپ، كۆپ خىل، جەزمەن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى پۇختا كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بايلىق، مۇلازىمەت، باشقۇرۇشنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ تىك يۆنىلىشتە ئاخىرىغىچە، توغرا يۆنىلىشتە چېتىگىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە سەمىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنىڭ قىممەت يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي بولۇش، كارخانىنىڭ سەمىمىي بولۇش، جەمئىيەتنىڭ سەمىمىي بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى چىڭ كۆزلەپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىن يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمەت قانۇنىيىتىنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت توپىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلىشى كېرەك. ھەقىقىي تۈردە شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ دادىل ئىش قىلىپ ئىناۋەت تىكلىشىگە مەدەت بېرىپ، ئاممىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھەل قىلىشىغا مەدەت بېرىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش تەدبىرى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك تەدبىر. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئۇنى تۈزىتىشى بىلەن تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئۇنى تۈزىتىشىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىل قاتتىق بولۇش تەلىپىنى ھەقىقىي تۈردە قاتتىق تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، پولاتتەك قائىدىنىڭ ئۆتكۈر چىش بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەركەز يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا قويۇپ، دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا قۇرغاقچىلىق كۆرۈلدى، بەزى جايلاردا يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئالاقىدار تارماقلار يېقىندىن ماسلىشىپ، سۇ ئىشلىتىشنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۇغىرىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قۇرغاقچىلىق بولسا ھۆلچىلىك بولۇشى مۇمكىن، قۇرغاقچىلىق بىلەن ھۆلچىلىكنىڭ تېز ئالمىشىشىدىن قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك. كەلكۈن مەزگىلى يېتىپ كەلدى، ھەرقايسى جايلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشقا جەزمەن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، ئالدىن لايىھەنىڭ تولۇق بولۇشىغا، تەمكىن تاقابىل تۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تاغ كەلكۈنى، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت ئاسان يۈزبېرىدىغان رايونلاردا، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەركەز 2 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.