مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن
شى جىنپىڭ لاساغا يېتىپ باردى
ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى
8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن لاساغا يېتىپ باردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قارشى ئېلىشقا چىققان ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن لاساغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىزاڭغا بېرىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق ئىپادىلىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
باش كۈزدىكى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە مەيىن شامال كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى. لاسا گۇڭگا ئايرودۇرۇمىدا قىزىل بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى.
سائەت 12لەردە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان گۇڭگا ئايرودۇرۇمىغا قوندى، ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا كۈتۈپ تۇرغان شىزاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئامما قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شى جىنپىڭ بۆلۈمچىدىن چىقىپ، قارشى ئېلىشقا چىققان ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يەن جىنخەي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى گاما زېدېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ليۇ جياڭ قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەندە، ۋاڭ جۈنجېڭ خادا تەقدىم قىلدى، مۇراسىم خادىملىرى چيېما ۋە ئارپا ھارىقى تەقدىم قىلدى. ھەر مىللەت ئامما ۋەكىللىرى بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، قىزىل بايراق ۋە رەڭلىك گۈلدەستىلەرنى پۇلاڭلىتىپ، شادىيانە مىللىيچە ئۇسسۇل ئويناپ، باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ، باش شۇجىغا بولغان سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى.
بايرام كەيپىياتىغا تولغان قەدىمىي شەھەر لاسادا، ئايرودۇرۇمدىن تۇرار جايغىچە بولغان ئاساسلىق كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە رەڭدار بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى، ھەر مىللەت ئامما قوللىرىغا قىزىل بايراق ئېلىپ، خادا تۇتۇپ، بىرلىكتە تەنتەنە قىلىپ، قارشى ئېلىش ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل ئەينىكىنى ئېچىپ، يول بويىدىكى ئاممىغا توختىماي قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.
مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گوچىڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لوساڭ جياڭسۈن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ چۇنخۇا، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى جاڭ شېڭمىن، ھەمراھ بولۇپ پائالىيەتكە قاتناشقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىر ۋاقىتتا يېتىپ باردى، ئەزالار مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالاقىدار ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.