8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ۋولودىن بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر فېڭ شىنرەن) 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ۋولودىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇقىم، ئەڭ پىشىپ يېتىلگەن، ئىستراتېگىيەلىك ماھىيەتلىك مەزمۇنغا ئەڭ باي بىر گۇرۇپپا چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى. جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا ئىزچىل تۈرتكە بولۇش ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقىنىڭ مۇقىملىق مەنبەسى. بۇ يىل 5 - ئايدا، مەن رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتناشتىم، كېيىنكى ھەپتە جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياپون مىلىتارىزمى ۋە گېرمانىيە فاشىزمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ھەمكارلىقى جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمى. ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ پۇختا قانۇن چىقىرىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋولودىن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. ۋولودىن مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى چوڭقۇر تەرەققىي قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، رۇسىيە - جۇڭگو قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ. 80 يىل ئىلگىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو خەلقى فاشىزم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تەستە قولغا كەلگەن بۇ غەلىبىنى ئورتاق تەبرىكلەپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىپ، قول تۇتۇشۇپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى، پېڭ چىڭخۇا كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.