شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلې بىلەن كۆرۈشتى

2025-08-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلې بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن جۇڭنەنخەيدە كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلې بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ پادىشاھ سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلېنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، شۇنداقلا پادىشاھ سىخامونىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 4 - ئايدا مەن كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، پادىشاھ ئالىيلىرى ۋە كامبودژا خەلقىنىڭ قىزغىن، دوستانە كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم، ھازىرغىچە ئويلىسام ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلىمەن. جۇڭگو - كامبودژا مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان تەۋرەنمەس دوستلۇق ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەسسىلەپ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدۇ. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو - كامبودژا ئىككى دۆلەت تېخىمۇ قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

سىخامونى بىلەن مونىلې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم كەلگەنلىكىمدىن ۋە تەكلىپ بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ 4 - ئايدا كامبودژادا تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، ئىككى تەرەپ دوستلۇق ئۈستىدە كەڭ - كۇشادە پاراڭلىشىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كامبودژا تەرەپ باشتىن - ئاخىر كامبودژا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن مۇئامىلە قىلىدۇ، كامبودژا - جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق كامبودژا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.