جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تېلېگرامما ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى
شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى
ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، سەي چى قاتناشتى
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئامما بولۇپ تەخمىنەن 20 مىڭ كىشى لاسا شەھىرىدىكى بۇدالا سارىيى مەيدانىغا خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئامما بولۇپ تەخمىنەن 20 مىڭ كىشى لاسا شەھىرىدىكى بۇدالا سارىيى مەيدانىغا خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى. ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى يىغىنغا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى 60 يىل كۈرەش قىلىپ، بوران - چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈردى، 60 يىلدا قارلىق رايوندا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى. 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئامما بولۇپ تەخمىنەن 20 مىڭ كىشى لاسا شەھىرىدىكى بۇدالا سارىيى مەيدانىغا خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى قاتناشتى.
قەدىمىي شەھەر لاسادا رەڭدار بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، ھەممە جاي بايرام كەيپىياتىغا چۆمگەنىدى. ھەيۋەتلىك بۇدالا سارىيىنىڭ ئالدى تەرىپىگە زاڭزۇچە ئۇسلۇبتىكى يىغىن رەئىس سەھنىسى ياسالغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى ۋە «شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى، ئارقا كۆرۈنۈش تېمىغا تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ يىغىن گېربى ۋە «1965» «2025» دېگەن رەقەملەر ئېسىلغان بولۇپ، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇدالا سارىيى مەيدانىدا بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ھەر مىللەت ئامما تەرەپ - تەرەپتىن بۇ جايغا جەم بولۇپ، قوللىرىدا قىزىل بايراقنى لەپىلدىتىپ، بۇ جاينى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇرغانىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار رەئىس سەھنىسىگە چىقتى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى گاما زېدېڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بۇدالا سارىيى مەيدانىدا ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ گوچىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.
ۋاڭ خۇنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا شى جىنپىڭ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىزاڭنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى» دېگەن تەبرىك تاختىسىنى تەقدىم قىلدى.
ۋاڭ خۇنىڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 1965 - يىلى 9 - ئايدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. بۇ، شىزاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش بولۇپ، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشى ۋە دېموكراتىك ئىسلاھاتىنىڭ ئۇلۇغ نەتىجىسى مۇستەھكەملىنىپ، شىزاڭنىڭ جەمئىيەت تۈزۈمىدە تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 60 يىلدىن بۇيان، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈنسېرى يۈكسىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى تولۇق نامايان قىلىندى، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ روشەن سىياسىي ئەۋزەللىكى تولۇق نامايان قىلىندى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىزاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقىنى چىقىش قىلىپ، شىزاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلىدى ۋە ئالغا سىلجىتتى، شىزاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدە تارىخىي يۈكسىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، شىزاڭ تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇلۇشى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ، زاڭزۇ ئامما ۋەكىلى جوما رېنزېڭ يىغىندا سۆز قىلدى.
ئارقىدىن، بەخت ۋە شادلىق كەيپىياتىغا تولغان تەنتەنىلىك ئاممىۋى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش «بايراق يېتەكچىلىك قىلىش» «تۆت چوڭ ئىش» «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» «كەلگۈسىگە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، 26 ئاممىۋى نامايىش چاسا ئەترىتى، بېزەكلىك ئاپتوموبىل، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە تەرتىپ بويىچە ئىلگىرىلىدى. ھەر مىللەت ئامما رەڭگارەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىپ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ، قىزغىن، شادىيانە ئۇسسۇل ئويناپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان خۇشاللىق ھېسسىياتىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار پات - پات ھەر ساھە ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.
«ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنىڭ جۇشقۇن مېلودىيەسى ئىچىدە، تىنچلىق كەپتىرى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى، رەڭلىك شارلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، نەق مەيداندا قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، يىغىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.
لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، لوساڭ جياڭسۈن، خۇ چۇنخۇا، پابالا گېليېلاڭجيې ۋە جاڭ شېڭمىن، شىزاڭدا خىزمەت قىلغان پېشقەدەم يولداشلار ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.