ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى
9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمە سارىيىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمە سارىيىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېمىسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭدىكى 70 يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنىڭ بىر جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىز بېكىتكەن مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى تامامەن توغرا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇپ، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىدە «بارچە مىللەت چېلىپ ساز يېڭى دۇنيانى ياراتتى» «جۇش ئۇرۇۋاتقان تىيانشاندا ئۇلۇغۋار پىلان نامايان بولدى» «گۈزەل شىنجاڭدا شانلىق نەتىجىلەر يارىتىلدى»دىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەك ئارقىلىق، 70 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنغان.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان چاغدىكى تارىخىي سىن، ئۆكتەبىر تىراكتور زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان تۇنجى تۈركۈمدىكى تىراكتور، تىيانشان تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى ئىچىدىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى يېڭى - كونا سېلىشتۇرما سۈرەتلەر، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسى كۆرگەزمە تاختىلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە دائىر پورت جايلىشىش خەرىتىسى... شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆزدىن كەچۈردى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ 70 يىللىق باش تېمىلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ئاكتىپ كۈچكە تولغان بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ. كۆرگەزمىنى كۆرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، يېڭى بىلەن كونىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، جانلىق پاكىتلار ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە، ئورتاق بېيىش يولىدا بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شۆھرەت زاكىر، شېن يىچىن، ۋاڭ دۇڭفېڭ ۋە ليۇ جېنلى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.