​شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتتى

2025-09-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا ئۇزىتىش ئۈچۈن كەلگەن ھەر مىللەت ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، ۋاڭ خۇنىڭ ئۆمەك باشلىقلىقىدىكى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلار، ئاممىنى يوقلايدۇ ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدۇ.

شى جىنپىڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، ھەر مىللەت ئامما بەس - بەستە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە كېلىپ، قوللىرىغا قىزىل بايراق ئېلىپ، تەنتەنە قىلىپ باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، باش شۇجىغا چىن قەلبىدىن ھۆرمەت بىلدۈردى. ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا، مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيگەن ھەر مىللەت ئامما شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان چەكسىز مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىزھار قىلدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى.

سەي چى، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا قايتتى.