شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 25 - قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2025-09-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 25 - قېتىملىق يىغىنى تيەنجىن مېيجياڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 25 - قېتىملىق يىغىنى تيەنجىن مېيجياڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى، دائىمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دىڭ شىگو، زوۋ ۋېي) 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 25 - قېتىملىق يىغىنى تيەنجىن مېيجياڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

9 - ئايدىكى تيەنجىندە كۈزنىڭ ھاۋاسى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى. مېيجياڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ سىرتىدا، يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2024 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە بولغان نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بەلگىسى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى، دائىمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى، ئارقىدىن دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدىن خەيخې دەرياسى ساھىلىگىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەۋقۇلئاددە تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 24 يىلدىن بۇيان، ئەزا دۆلەتلەر ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، بىر قاتار ئىجادىي نەتىجىلەرنى، تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلىدى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلامچىلىق بىلەن چېگرا رايون ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە ئىشەنچ مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىش كۆپ تەرەپلىك ھەرىكىتىنى ئەڭ بالدۇر قوللىنىپ، رايون تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغدىدى؛ باشلامچىلىق بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇپ، رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېخىمۇ يېتەرلىك قىلىپ، ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى؛ باشلامچىلىق بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى تۈزۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، مەڭگۈ دۈشمەنلەشمەسلىكنى جاكارلاپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ يېقىن ئۆتۈشى، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى؛ باشلامچىلىق بىلەن ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ رايون تەشكىلاتى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچى كۈنسېرى كۈچەيدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا «شاڭخەي روھى»غا ئەمەل قىلىپ، پۇختا قەدەمدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەشكىلىي ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

بىرىنچى، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىر - بىرىدىكى پەرقلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، كوللېكتىپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، يېشىل كەسىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش داۋامىدا زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئورتاق ئاتلىنىش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش داۋامىدا ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق داۋامىدا زور كۈچ بىلەن قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن باشقىلارنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان، ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە ياشايدىغان مەدەنىيلىك گۈلزارلىقىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، ئادىللىق، ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، لاگېرلار قارشىلىشىشى ۋە زومىگەرلىك قىلمىشىغا قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

بەشىنچى، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بايلىق سېلىنمىسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەشكىلىي مېخانىزم تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇش، تەدبىر بەلگىلەش تېخىمۇ ئىلمىي بولۇش، ھەرىكەت تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كەلدى، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىدىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېرمەكبايېف، رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سارشېيېف ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ۋە نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىلدىكى قالتىس نەتىجىلىك خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى ھەم كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەمكارلىق توغرىسىدا تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇس داۋالغۇش، ئەنسىزلىكتە تۇرغان دۇنياغا ئېنىقلىق، مۇقىملىق ئېلىپ كەلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر «شاڭخەي روھى»نى داۋاملىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە بىرتۇتاش تاقابىل تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ھەمكارلىق داۋامىدا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا بىردەك قوشۇلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇپ، قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ باتۇرلۇقى، قەيسەرلىكى ۋە قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاشقا ئەرزىيدۇ.

ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ تيەنجىن خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى ۋە ئېلان قىلدى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى 10 يىل(2026 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)لىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى تەستىقلىدى، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى توغرىسىدىكى بايانات، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاش توغرىسىدىكى باياناتنى ئېلان قىلدى، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق 24 پارچە نەتىجە ھۆججىتىنى ماقۇللىدى.

ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەۋپسىزلىك تەھدىتى ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال مەركىزى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە زەربە بېرىش مەركىزى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى مەركىزى، زەھەر چەكلەش مەركىزىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىشقا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.

يىغىن لائوسنى سۆھبەت ھەمراھلىقىغا قوبۇل قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى، قىرغىزىستاننىڭ 2025 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى قارار قىلدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.