شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2025-09-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، شاۋ يىبو) 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن تەقدىرداش، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش. جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇپ، ئورتاق غايە - ئېتىقاد ۋە كۈرەش نىشانىغا ئىگە. باش شۇجى جىن جېڭئېننىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكى چاۋشيەن تەرەپنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قوغدايدىغان قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا جۇڭگو - چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى.

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو - چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەننىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ. چاۋشيەن تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ھەرقايسى دەرىجە - قاتلاملارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىسلى كۆرۈلمىگەن دۇنياۋى خىرىس ئالدىدا، مەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ۋە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چاۋشيەن تەرەپنىڭ پائال قوللىشى ۋە ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتىم. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغدىشى كېرەك. چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە، جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرىدۇ، داۋاملىق تۈردە چاۋشيەن تەرەپ بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداشنى خالايدۇ.

جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى داغدۇغىلىق، تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگونىڭ مۇھىم خەلقئارا ئورنى ۋە تەسىرىنى نامايان قىلدى. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى داۋامىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، بىزنىڭ بۇنىڭغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ھېسسىياتى ئۆزگەرمەيدۇ، چاۋشيەن - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش چاۋشيەن تەرەپنىڭ قەتئىي ئارزۇسى. چاۋشيەن تەرەپ داۋاملىق تۈردە تەيۋەن، شىزاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللىغانلىقىغا ھەم قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ.

جىن جېڭئېن مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. چاۋشيەن تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ. چاۋشيەن تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدىكى ئادىل مەيدانىنى ئالقىشلايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ماسلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق ۋە تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ جىن جېڭئېن بىلەن كىچىك دائىرىدە چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتى ۋە ئۇنىڭغا زىياپەت بەردى.

سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.