شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

2025-09-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، ساۋ جيايۆ) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قوشنىلار مەڭگۈ ئىناق - دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتەك چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. ئىككى تەرەپ ئەسلىي مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، ئىرادىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە مەيدانىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈشتە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە، ئىككى تەرەپ چوڭ تۈرلەر ئارقىلىق ھەمكارلىققا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈلگىلىك ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق مەنپەئەت بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەمكارلىقنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق جەھەتتىكى ماسلىشىشنى ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق ئومۇمىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملىشى ۋە قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قارشى تەرەپ دۆلىتى ئۆتكۈزگەن دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ئۆزئارا قاتنىشىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاساسلىق غەلىبە قىلغان دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە نەتىجىلىرىنى قوغداش، توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخ قارىشىنى قەتئىي قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. مېنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىم دەل بارلىق مەقسەت ۋە نىشانى بىردەك دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى، خەلقئارا قانۇن ئىدارە قىلىش، كۆپ تەرەپچىلىكنى تەكىتلەيدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: مەن ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى نامايان قىلىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. رەئىس شى جىنپىڭ 5 - ئايدا رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، مەن ئەتە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىمەن، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنياغا رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ياۋروپا ئاساسىي جەڭ مەيدانى ۋە شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئوينىغان ئاچقۇچلۇق رولىنى نامايان قىلىش ھېسابلىنىدۇ، تارىختىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئورتاق قوغدايدىغان، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قوغدايدىغان قەتئىي مەيدانىنى بىلدۈرىدۇ. رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىمۇ يېڭى دەۋردىكى رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ پۇختا ئاساسىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، يىغىندا كۆپ تۈردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ناھايىتى ۋاقتىدا بولدى ۋە ناھايىتى زۆرۈر بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى ساقلاپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن كىچىك دائىرىدە چاي ئىچكەچ پاراڭلاشتى ۋە ئۇنىڭغا زىياپەت بەردى.

ئىككى تەرەپ ئېنېرگىيە، ئالەم قاتنىشى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېزا ئىگىلىكى، تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش، سەھىيە، پەن تەتقىقات، مائارىپ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردە 20دىن ئارتۇق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئىمزالىدى.

سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.