شى جىنپىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

2025-09-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنى تيەنجىن مېيجياڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ جيەنخۇا، ياڭ يىجۈن) 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنى تيەنجىن مېيجياڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدىغان مۇھىم پەيت. 80 يىل ئىلگىرى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ زور ئاپىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى چەككەن ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ئۈستىدە ئويغا سالدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كېلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا يېڭى بىر بەت ئاچتى. 80 يىلدىن كېيىن، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلدى. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، قانچىكى مۈشكۈل پەيت بولغانسېرى، تىنچ بىللە ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تارىخنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش لوگىكىسىدا ئالغا ئىلگىرىلەش، دەۋر تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە قەدەم تاشلاشنى خالايدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن شى جىنپىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىنى يولغا قويۇش. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ چوڭ - كىچىك، كۈچلۈك - ئاجىز، باي - نامرات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەدبىر بەلگىلەش، باراۋەر مەنپەئەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، خەلقئارا قانۇن ئىدارە قىلىشقا رىئايە قىلىش. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپى قاتارلىق ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق، تولۇق رىئايە قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا قائىدىلەرنىڭ باراۋەر ئاساستا بىرتۇتاش تەتبىقلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «قوش ئۆلچەم» قوللانماسلىق، ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ «ئائىلە قائىدىسى»نى باشقىلارغا تاڭماسلىق كېرەك.

ئۈچىنچى، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەككە تەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئورنى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا ئورتاق قاتنىشىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، جەنۇب بىلەن شىمال ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات ھاڭىنى تېخىمۇ ياخشى تولدۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.

بەشىنچى، ھەرىكەت يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش. سىستېمىلىق پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ھەرىكەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىقنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ كۆرگىلى بولىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئارقىدا قېلىشى ۋە پارچە - پۇرات بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇش خىتابنامىسى ۋە تەشكىلات نىزامنامىسىدە ئاساسىي مەقسەت باشتىلا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرتىپنىڭ تېخىمۇ دېموكراتىك، ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلگەن. 24 يىلدىن بۇيان، بۇ تەشكىلات ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، رايون ئىشلىرىدا ئورتاق كېڭىشىش، سۇپا، مېخانىزمنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ نۇرغۇن يېڭى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم يولغا قويۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا كۈنسېرى ئاكتىپ تۈرتكە بولىدىغان كۈچ بولۇپ قالدى. دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشى ئالدىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى»نى قوشۇپ، دۇنياۋى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسئۇلىيەتچانلىقى»نى نامايان قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈلگىسى»نى كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكىتى»نى قوللىنىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ياخشى ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەققانىيەت ئىشلىرىنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، داغدام يولدا مەزمۇت مېڭىپ، توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىدىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف ۋە ھىندىستان ۋەكىلى، كۆزەتكۈچى دۆلەت موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې، سۆھبەتلەشكۈچى ھەمراھ دۆلەتلەر باشلىقلىرىدىن ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشنىيان، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ مانەي، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن، مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇئىززۇ، بىرمىنىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى مىن ئاڭلەي، نېپال زۇڭلىسى ئوللى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان، مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى، رەئىس دۆلىتىنىڭ مېھمانلىرىدىن تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردى مۇھەممىدوف، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، ۋيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەكىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

ھەرقايسى تەرەپلەر شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىغا يۈكسەك باھا بېرىپ، پائال قوللاپ مۇنداق قارىدى: دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى كېڭىيىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات خىرىسقا دۇچ كەلدى، يەككە تەرەپچىلىك باش كۆتۈردى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە خەلقئارا قائىدە زەربىگە ئۇچرىدى، دۇنيا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە، جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دەل ۋاقتىدا بولدى. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى زوراۋانلىق لوگىكىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسى قوشتى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «شاڭخەي روھى»نى ئەمەلدە كۆرسىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلسا، ئۆزئارا ئىشەنسە، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالسا تامامەن بولىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى، بۇ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئۈلگە بولدى. ھەرقايسى تەرەپلەر پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، سانائەت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېررورلۇق، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، تور جىنايىتىگە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، يۈكسىلىش ئىشلىرىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشۇلدى.

شى جىنپىڭ ۋە يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئافغانىستاندا شۇ كۈنى سەھەردە يۈزبەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەشكە كۆڭۈل بۆلدى، ئافغانىستان تەرەپتىن ھال سورىدى، ئافغانىستان خەلقىنىڭ بالدۇرراق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ماكانىنى قايتىدىن قۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.