8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تيەنجىن مېيجياڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سۆز قىلماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تيەنجىن مېيجياڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: زىياپەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، لى كۇن) 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن تيەنجىن مېيجياڭ يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.
خەيخې دەرياسى بويىدا چىراغ نۇرى چاقناپ تۇراتتى.
باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلەشكۈچى ھەمراھ دۆلەتلەر، رەئىس دۆلەتنىڭ مېھمانلىرى قاتارلىق 20 نەچچە نەپەر چەت ئەل دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ھەم جورىلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئون نەپەر مەسئۇلى ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق مۇزىكىلىرىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا ئەزىز مېھمانلار يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بايرىقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بايرىقىدىن تەشكىللەنگەن ھەيۋەتلىك بايراق سېپىدىن ئۆتۈپ، قىزىل پاياندازنى بويلاپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئۆزئارا ئەھۋال سورىدى ھەم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
لەرزان قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كىردى.
شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن خەلقئارا ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئامىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ زور بولماقتا. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىق قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇش، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، باشلىقلار يىغىنى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇقەررەر تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىيات ئىشلىرىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تيەنجىن ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان شەھەر، ئەزەلدىن پايتەختنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىم جاي، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئالدىن يولغا قويۇلغان رايونى. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تيەنجىن سەھىپىسىدە يېڭى كەيپىيات ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىندى. تيەنجىندە بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش چوقۇم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ.
زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە «كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش» ناملىق ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنى كۆرۈپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۇيۇشۇشتەك ئىناق ئۆتۈش گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلاندى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، شانلىق نەتىجىلەرنى ئورتاق يارىتىشتىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ھېس قىلدى.
سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
قارشى ئېلىش زىياپىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئەزىز مېھمانلار تيەنجىن غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.