شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
■شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مەركىزىي كومىتېت بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك
■شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن بىرلىكتە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى
■مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك
■شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك
■پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى
■بىڭتۇەن − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، مەركىزىي كومىتېت بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن بىرلىكتە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى!
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش كېرەك. خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رىقابەت كۈچىگە ئىگە كەسىپ توپىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جەمئىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ قاتنىشىشى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ تۈپ كاپالىتى. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش كېرەك. مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كادىرلارنى يېتىشتۈرىدىغان، چېنىقتۇرىدىغان چوڭ دەرسخانا قىلىپ، كەڭ كادىرلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئامما بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىڭتۇەن − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كۈچ. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، بىڭتۇەن خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شۆھرەت زاكىر، شېن يىچىن، ۋاڭ دۇڭفېڭ ۋە ليۇ جېنلى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.