شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەققانىيەتكە بولغان ئېتىقادتىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، تىنچلىق ئارزۇسىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، خەلقنىڭ كۈچىنى يەڭگىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا، بىز ھەممىمىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيادا توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىيسى پاك تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىشىمىز كېرەك؛ ھەممىمىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قەتئىي قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك؛ ھەممىمىز خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەرىكەت نىشانى قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك.
لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كىرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەققانىيەتكە بولغان ئېتىقادتىن تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، تىنچلىق ئارزۇسىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ، خەلقنىڭ كۈچىنى يەڭگىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا، بىز ھەممىمىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيادا توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىيسى پاك تىنچ دۇنيا بەرپا قىلىشىمىز كېرەك؛ ھەممىمىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خاتىرجەملىكىنى قەتئىي قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك؛ ھەممىمىز خەلقنىڭ ئارزۇسىنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ھەرىكەت نىشانى قىلىپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىز كېرەك.
لى چياڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، «تىنچلىق − تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» ناملىق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە جورىلىرى بىلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كىردى. پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنىڭ كەلگەنلىكىنى سەمىمىي قارشى ئالدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ غەلىبە خاتىرە كۈنىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى 14 يىل قان كېچىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ياپون مىلىتارىزمى تاجاۋۇزچىلىرىنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مۇتلەق غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئېغىر كىرىزىسكە پېتىپ قېلىشتىن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىشىنىڭ تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى، شۇنداقلا دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ بىر مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبىنى جۇڭگو خەلقى فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ھەم ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن. جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشىنى قوللىغان ۋە ياردەم بەرگەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى دوستلارنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قىسقا مۇددەتلىك رىقابەتتە ئەمەلىي كۈچ ئاساس، ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا داۋلى ئاساس. ھەققانىيەت، يورۇقلۇق، ئىلغارلىق جەزمەن رەزىللىك، قاراڭغۇلۇق، ئەكسىيەتچىللىك ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئىنسانلار ئوخشاش بىر پىلانېتادا ياشايدۇ، جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇشى، ئىناق ئۆتۈشى كېرەك، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يۇتۇۋالىدىغان ئورمان قائىدىسىگە قايتىشقا قەتئىي بولمايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تىنچ تەرەققىيات يولىدا ماڭىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭگو مەڭگۈ دۇنيانىڭ تىنچلىق كۈچى، مۇقىملىق كۈچى، ئىلگىرىلەش كۈچى بولىدۇ. بىز ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تارىخنى ئەينەك قىلىپ، ئىناقلىقنى ئەلا بىلىپ، دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە قەدەھ كۆتۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئورتاق تەبرىكلىدى، دۇنيانىڭ تىنچ بولۇشىغا ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە «تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» باش تېمىسىدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنىنى كۆردى.
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەل رەھبەرلىرى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، سىياسىي ساھەدىكى سابىق مۇھىم ئەربابلار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى بار.
مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، گومىنداڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جياڭلىڭلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، تۆھپە شەرىپىگە ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلارمۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.