9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو - رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئۈچ دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 7 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، ما جويەن) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو - رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئۈچ دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ 7 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك يول خەرىتىسى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، ئۈچ دۆلەتنىڭ سودا سوممىسى بارغانسېرى ئېشىپ، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. تاغ - دەريالىرى تۇتاش، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان دوستانە قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ، موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، تاشقى كاشىلىلارنى تۈگىتىپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا قول تۇتۇشۇپ تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ جۇڭگو - رۇسىيە - موڭغۇلىيە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى پۇختىلاش كېرەك. خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق قانچە گىرەلىشىپ كەتكەنسېرى، جۇڭگو - رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئۈچ تەرەپ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى شۇنچە كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قوللاشنى زورايتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقايسىسىنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىدىكى مۇستەھكەم ئىستراتېگىيەلىك تايانچىغا ئايلىنىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم يۆنىلىش قىلىپ، ئۈچ دۆلەتنى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ھالقىغان ئۇل ئەسلىھە ۋە ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتىش كېرەك؛ «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم تىرەك قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەملىك پۇل بىلەن راسچوت قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش كېرەك؛ «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى مۇھىم ئاساس قىلىپ، ئۈچ دۆلەتتىكى قوشنا ئۆلكە، ئوبلاستلارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئۈچىنچى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون دۆلەتلىرىنىڭ خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغداش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشىدىكى ئاساسلىق سۇپا. تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە جۇڭگو تەرەپ تۈرتكە بولۇپ قۇرغان تۈرلۈك ھەمكارلىق سۇپىسى ۋە مەركىزىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.
پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە - جۇڭگو - موڭغۇلىيە دوست قوشنىلار بولۇپ، ئۇزاق ھەمكارلىق ئەنئەنىسىگە ئىگە. سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم، بۇ، ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاشقا پايدىلىق. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو، موڭغۇلىيە بىلەن باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئۈچ تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، مائارىپ، مۇھىت قوغداش، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
كۈرىلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ مۇھىم قوشنا دۆلەتلىرى، موڭغۇلىيە تەرەپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈچ دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، رايوننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەن قوغداش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، موڭغۇلىيە - جۇڭگو - رۇسىيە ئۈچ دۆلەت خەلقى بۇ تارىخىي پەيتنى ئورتاق تەبرىكلەپ ۋە خاتىرىلەپ، توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخ قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك.
سەي چى، ۋاڭ يى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.