تيەنئەنمېن مەيدانىدا كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەشتىكى مەقسىتىمىز تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش. جۇڭخۇا مىللىتى زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان ئۇلۇغ مىللەت. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان قىسىم. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىش مۇقەررەر غەلىبە قىلىدۇ!
لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى، 61 نەپەر چەت ئەل رەھبەرلىرى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، سىياسىي ساھەدىكى سابىق مۇھىم ئەربابلار قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار تيەنئەنمېن راۋىقىدا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن دۇەنمېن دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا يىغىنغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنى كۈتۈۋالدى ھەم ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: پىيادىلەر چاسا ئەترىتى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى سۈن فېي فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى ئۇلۇغ تارىخىي غەلىبە ئەستە چىڭ ساقلىنىپ، ھەققانىيەت ۋە تىنچلىق كۈچى مۇجەسسەملەندى. 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئارقىلىق، دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ ئۇلۇغ كۈن خاتىرىلىنىپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى بىرلىكتە يارىتىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈردى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى. 61 نەپەر چەت ئەل دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ھەم ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، سىياسىي ساھەدىكى سابىق مۇھىم ئەربابلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
پايتەخت بېيجىڭ رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركەنگەن بولۇپ، بايراقلار جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. تيەنئەنمېن راۋىقى ھەيۋەتلىك ۋە كۆركەم تۈسكە كىرگەن بولۇپ، تيەنئەنمېن مەيدانى تەنتەنىلىك كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى ئالدىدا، «پولات سەددىچىن سېپىلى» باش تېما قىلىنغان مەنزىرە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، 14 تۇر «1945» «2025» دېگەن خەتلەرنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى، 14 «تىنچلىق كەپتىرى» قانات قېقىپ پەرۋاز قىلماقتا ئىدى. بوشلۇقتىن نەزەر سالغاندا، مەيداندىكى «众» خېتى شەكلىدە ياسالغان كۆرۈش سۇپىسى ھەيۋەتلىك بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممە بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە قاراپ كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىگە سىمۋول قىلىنغانىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە پەلەمپەينى بويلاپ يۇقىرىغا قاراپ مېڭىپ، تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقتى. شى جىنپىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
«سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدا» «تەيخاڭشەن تېغىدا» «خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش» «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش ئوتىدا بارلىققا كەلگەن بۇ كىلاسسىك ناخشىلار ئارقا - ئارقىدىن ئېيتىلىپ، كۆپچىلىككە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىسلىسىز مۇشەققەتلىك بولغان، تاغنى تالقان قىلىدىغان شىجائەت ئۇرغۇپ تۇرغان ئاشۇ بىر بۆلەك قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلەتتى.
سائەت 8دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى رەئىس سەھنىسىگە كەلدى، پۈتۈن مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا سائەت ماياتنىكىنىڭ كۆرۈنۈشى پەيدا بولدى. سائەت ماياتنىكىغا ئەگىشىپ، 1945، 1955، 1965... 2025 دېگەن يىل سانلىرى تەرتىپ بويىچە نامايان بولدى. سائەت دەل 9دا، ۋاقىت مەلۇم قىلىش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ، خاتىرىلەش يىغىنى باشلاندى.
ھەممەيلەن ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆرە تۇردى، 80 پاي ھۆرمەت توپى يەر - جاھاننى لەرزىگە سالدى، دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى مۇھاپىزەت قىلىپ، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىدىن مەيداننىڭ شىمالىدىكى بايراق چىقىرىش رايونىغا كەلدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىرى ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر بىرلىكتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، تيەنئەنمېن مەيدانى ئاسمىنىدا جەۋلان قىلدى.
قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈن، بىز داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتىمىز، بۇنىڭدىكى مەقسىتىمىز تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش.
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جياڭلىڭلارغا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشىنى قوللىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ئۇلۇغ ئۇرۇش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، جۇڭگو خەلقى ئېگىلمەس - سۇنماس جاسارەت بىلەن كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ، قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى بىلەن مۇستەھكەم ئىستىھكام قۇرۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى 1 - قېتىملىق مۇتلەق غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو خەلقى غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنى قۇتقۇزۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. تارىخ بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، ھەرقايسى دۆلەتلەر، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغاندىلا، ئاندىن ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداپ، ئۇرۇش مەنبەسىنى تۈگىتىپ، تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتا يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان ئۇلۇغ مىللەت. ئەينى يىللىرى، ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ئىلغارلىق بىلەن ئەكسىيەتچىلىكنىڭ ھايات - ماماتلىق كۈچ سىنىشىشى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلار يەنە تىنچلىق ياكى ئۇرۇش، سۆھبەتلىشىش ياكى قارشىلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ياكى نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتەك تاللاشقا دۇچ كەلدى. جۇڭگو خەلقى قەتئىي ھالدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتى تەرىپىدە تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلماقتا.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان قىسىم. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر ۋە جەڭچىلەر مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلىشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئۇلۇغۋار ئىشلىرى مۇقەررەر غەلىبە قىلىدۇ!
شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندا، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
سائەت 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، ھەربىي پارات مۇراسىمى باشلاندى، ئۈلگە ئەسكەرلەر ئۆز ئورنىغا كەلدى، ھەربىي ئوركېستىر ھەربىي پارات مۇراسىمىنى باشلاش بۇرغىسىنى چالدى. شى جىنپىڭ خۇڭچى ماركىلىق ھەربىي پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئاپتوموبىلى بىلەن، جىنشۈي كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈپ، چاڭئەن كوچىسىغا قاراپ ماڭدى. ھەربىي پارات باش قوماندانى خەن شېڭيەن پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنىڭ سەپ تۈزەشنى تاماملىغانلىقىنى دوكلات قىلدى، شى جىنپىڭ پاراتنى باشلاش بۇيرۇقى چۈشۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىقى پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىمنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇردى، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى، ئارمىيە بايرىقى ئالدىغا كېلىپ، بايراقلارغا نەزەر سالىمى بەردى.
ھەيۋەتلىك ھەربىي مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن كەڭ، ئازادە چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ مېڭىپ، تەرتىپ بويىچە 13 پىيادىلەر چاسا ئەترىتى، بىر ئۇرۇش بايرىقى چاسا ئەترىتى، 22 قورال - جابدۇق چاسا ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنىڭ ھەربىيچە قىياپىتى رەتلىك بولۇپ، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى، بىرونېۋىك جەڭ ئاپتوموبىللىرى رەتلىك سەپ تۈزگەن بولۇپ، سۈرلۈك ۋە ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. بۇ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يېپيېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىشى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشتىكى قەتئىيلىكىنى ئوچۇق ئۇقتۇرۇشى.
«يولداشلار ياخشىمۇسىلەر!» «يولداشلار جاپا چەكتىڭلار!» شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي سالىمى ئارمىيەنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى. «رەئىس ياخشىمۇسىز!» «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز!» پاراتتىن ئۆتىدىغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئۈستۈن بولۇپ، ياڭراق جاۋاب ئاۋازى كەڭ ئاسماننى لەرزىگە سالدى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن تيەنئەنمېنگە قايتىش يولىدا، پاراتتىن ئۆتىدىغان ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا: «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز! غەلىبىلىك جەڭ قىلىمىز! ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرىمىز!» «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ!» دەپ توۋلىدى.
كۆزدىن كەچۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىغا چىقتى.
سائەت 9دىن 44 مىنۇت ئۆتكەندە، بوشلۇقتا بايراق قوغداش پەلەمپەيسىمان ئەترىتى ئالدى بىلەن مەيدانغا چىقىپ، ھەربىي پارات مۇراسىم سەپ شەكلىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى − ئۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايرىم - ئايرىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە بايرىقى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە بايرىقىنى ئېسىپ ئالغا قاراپ ئۇچتى، 26 تىك ئۇچار ئايروپىلان غايەت زور «80» دېگەن خەتنى ھاسىل قىلدى، ئۈچ تىك ئۇچار ئايروپىلان ئايرىم - ئايرىم «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» «تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» «خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى ئېسىپ تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى.
بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا جەمئىي 45 چاسا (پەلەمپەيسىمان) ئەترەت پاراتتىن ئۆتتى، كۆپ ساندىكى قورال - جابدۇقلار تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى قەھرىمان قىسىمنىڭ تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش تولۇق نامايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتىكى يېڭى قىياپىتى، كۈچ قۇرۇلمىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، جەڭ قىلىش يېڭى ئۈنۈمى تولۇق نامايان قىلىندى.
قۇدرەتلىك قوشۇن سەپ تۈزۈپ، جەڭگىۋار قىياپىتىنى نامايان قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى چاسا ئەترىتى پارتىيە بايرىقى، دۆلەت بايرىقى، ئارمىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شەرقىي چاڭئەن كوچىسىنى بويلاپ مەزمۇت قەدەم بىلەن يېتىپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى مەڭگۈ دۆلەتنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى، مەڭگۈ سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى، مەڭگۈ خەلق مەنپەئىتىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى. خەلق ئارمىيەسى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرغاندىن كېيىن، يېڭىچە ئارمىيە قىسىم تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى شەكىللەندى، تۆت ئارمىيە تۈرى، تۆت قىسىم تۈرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم چاسا ئەترىتى تۇنجى قېتىم ئارمىيە قىسىم تۈرلىرىنىڭ ئارمىيە بايرىقى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مەركەزلىك مەيدانغا چىقتى. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى، دېڭىز ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى، راكېتا ئارمىيەسى چاسا ئەترىتى ھەيۋەتلىك ۋە قۇدرەتلىك قىياپىتى ئارقىلىق پولات سېپىلىنىڭ دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلدى؛ ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى چاسا ئەترىتى، تور بوشلۇقى قىسمى چاسا ئەترىتى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى چاسا ئەترىتى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمى چاسا ئەترىتى كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق قىياپىتى ئارقىلىق ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈردى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم چاسا ئەترىتى جەسۇر، مەردانە قىياپىتى ئارقىلىق سادىق قوغدىغۇچىلارنىڭ بۇرچى، مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى؛ زاپاس ئەسكەرلەر قىسمى چاسا ئەترىتى، خەلق ئەسكەرلىرى چاسا ئەترىتى مەردانە قىياپىتى ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئەسى زاپاس كۈچ قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر سالاپىتىنى نامايان قىلدى. تىنچلىق ساقلاش قىسمى چاسا ئەترىتى مەزمۇت قەدەملىرى ئارقىلىق جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى پۈتۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى نامايان قىلدى.
جەڭ بايرىقى جەۋلان قىلدى، پولات قوشۇن مەزمۇت قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى قەھرىمان - نەمۇنىچىلار قىسمىنىڭ 80 شەرەپ بايرىقىدىن تەشكىللەنگەن جەڭ بايرىقى چاسا ئەترىتى تارىخىي شان - شەرەپنى زىممىسىگە ئېلىپ ھەيۋەت بىلەن يېتىپ كەلدى. بۇ قەھرىمانلىق بايرىقى، غەلىبە بايرىقى، ئۆچمەس بايراق خەلق ئارمىيەسىنى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرمەكتە. قورال - جابدۇق چاسا ئەترىتى گۇرۇپپىلار بويىچە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش توپى، دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش توپى، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش توپى، ئۇچۇر ئۇرۇشى قىلىش توپى، ئادەمسىز ئۇرۇش قىلىش توپى، ئارقا سەپ - جابدۇق كاپالىتى توپى، ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش توپى بولۇپ تەشكىللىنىپ ھەيۋەت بىلەن يېتىپ كېلىپ، پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. يېڭى تىپتىكى تانكا، ئادەمسىز ئەقلىي ئىقتىدار، تور ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش قىلىش، سۈرئىتى ئاۋاز سۈرئىتىدىن ناھايىتى تېز قورال - جابدۇقلار، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش جابدۇقلىرى، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا... ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەرلىك مىلتىق، يەرلىك زەمبىرەكتىن بۈگۈنكى يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش قىلىش كۈچىگىچە، دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىپ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق ئۇرۇش جابدۇقلىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم قوراللار تيەنئەنمېن راۋىقى ئالدىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش، دۇنيا تىنچلىقىنى قەتئىي قوغداشتىكى پولاتتەك ئىرادىمىز ۋە قۇدرەتلىك ئەمەلىي كۈچىمىزنى نامايان قىلدى.
جەڭ بۈركۈتلىرى غۇيۇلداپ ئۇچۇپ، كۆكتە پەرۋاز قىلدى. ئالدىن سىگنال بېرىش قوماندانلىق ئايروپىلانى، ئالاھىدە ئايروپىلان، تىرانسپورت ئايروپىلانى، بومباردىمانچى ئايروپىلان، ماي قاچىلاش ئايروپىلانى، قىرغۇچى ئايروپىلان، ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى قاتارلىق بوشلۇق پەلەمپەيسىمان ئەترەتلىرى تەرتىپ بويىچە تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا تيەنئەنمېن مەيدانىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى، پاراتتىن ئۆتكەن ئالدىن سىگنال بېرىش، رازۋېدكا قىلىش، يىراق مۇساپىلىك زەربە بېرىش، ھاۋا بوشلۇقىنى تىزگىنلەش ئۇرۇشى قىلىش، ئىستراتېگىيەلىك يەتكۈزۈش، ياردەم كاپالىتى قاتارلىق ئايروپىلان تىپلىرى ئارمىيەمىزنىڭ تېز سۈرئەتتە يۈكسىلىۋاتقان بوشلۇقتا جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق نامايان قىلدى. مەشىق ئايروپىلانى پەلەمپەيسىمان ئەترىتى 14 خىل رەڭلىك تۈتەك چىقىرىپ ئۇچتى، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى تىللاردا داستان بولغۇدەك 14 يىللىق مۇساپىسىگە سىمۋول قىلىنغان، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىش پارلاق ئىستىقبالىغا سىمۋول قىلىنغان.
شى جىنپىڭ قاتارلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن چاۋاك چالدى، نەق مەيداندا ئالقىش ۋە تەنتەنە سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى.
80 مىڭ تىنچلىق كەپتىرى قانات قېقىپ كۆكتە پەرۋاز قىلدى، 80 مىڭ شار كۆككە كۆتۈرۈلدى، «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق جۇشقۇن مۇزىكا پۈتكۈل مەيداندا ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ھەر ساھە ئاممىغا ئارقا - ئارقىدىن ئېھتىرام بىلدۈردى، مەيدان ئىچى - سىرتى شادلىق دېڭىزىغا ئايلاندى.
يىغىن 1 سائەت 26 مىنۇت داۋاملىشىپ، سائەت 10دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.
يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن دۇەنمېن دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا يىغىنغا قاتنىشىدىغان چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرىنى كۈتۈۋالدى ھەم ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارالىق ئەزىز مېھمانلاردىن: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن، كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، نېپال زۇڭلىسى ئوللى، مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇئىززۇ، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردى مۇھەممىدوف، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشنىيان، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، كونگو (بىراززاۋىل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل، بىرمىنىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى مىن ئاڭلەي، كورېيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يۈ يۈەنجى، شەرقىي تىمور خەلق پارلامېنتىنىڭ باشلىقى فېرناندا، ۋېنېزۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رودرىگۇز، سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى يەن جىنيۇڭ، مىسىر زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، مۇئاۋىن زۇڭلى ۋازىر، بۇلغارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى زافىروۋ، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ ۋەكىلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغاننىڭ ۋەكىلى، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى بايراقتار، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭىنىڭ باش ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئامورىم، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، بىرازىلىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گالۋائو، نىكاراگۇئا ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسى لاۋرىيانو، ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، دىپلوماتىيە ۋە تاشقى ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سىيالدو، بىرۇنېي خان جەمەتى قوراللىق قىسىمنىڭ سىلىڭى خازىمى، بېنگال ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى، دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى راخمان، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى دوستال، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى لى جۈنخۇا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق - يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چۈ دۇڭيۈ، يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى رۇسسېف، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ باشلىقى جىن لىچۈن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى يېرمەكبايېف، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سارشېيېف، ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىنىڭ باش كاتىپى سارېباي، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمە گەۋدىسىنىڭ باش كاتىپى لېبېدېف، كوللېكتىپ خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تاسماگامبېتوف، ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ساغىنتايېف، ياپونىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى جيۇشەن يوۋجىفۇ، شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى، قوشۇمچە سابىق مالىيە مىنىستىرى ماۋرېل، بېلگىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى لېتېرىم، گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى پاپاندرېئو، ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى دالېما، رۇمىنىيەنىڭ سابىق زۇڭلىلىرىدىن نېستاسەي، دانسىلا، يېڭى زېللاندىيەنىڭ سابىق زۇڭلىلىرىدىن كلارك، جون كېي، ئاۋسترالىيە ۋىكتورىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى ئاندرېۋس بار.
يىغىنغا قاتناشقانلاردىن يەنە: ما شىڭرۇي، ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۇنمىڭ، لى رۇيخۇەن، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۇن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي بار.
مەركەزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش نەمۇنىچىلىرى ۋەكىللىرى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، گومىنداڭنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلىرى ۋەكىللىرى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جياڭلىڭلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەركەز باشقۇرۇشىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، كارخانىلار، ئالىي مەكتەپلەر قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭدىكى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزالىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، «جۇمھۇرىيەت ئوردېنى» «1 - ئىيۇل ئوردېنى» «1 - ئاۋغۇست ئوردېنى» ۋە دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەت بويىچە ئىلغار نەمۇنىچى شەخسلەر ۋەكىللىرى، 11 - ئەۋلاد بەنچەن ئېردېنى چۆجىجيېبۇ، مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار ھەم خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان خادىملارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى، ۋاپات بولغان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، مەملىكەتلىك نۇقتىلىق نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
چەت ئەل تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.