شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «گۈزەل شىنجاڭ»نى كۆردى

2025-09-26 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى قاتناشتى ھەم كۆردى

9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «گۈزەل شىنجاڭ» ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆرۈۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «گۈزەل شىنجاڭ» ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئويۇننى كۆرۈۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسى9 - ئاينىڭ 24 - كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزى چوڭ تىياتىرخانىسى بايراملىق قىزغىن كەيپىياتقا تولغانىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «گۈزەل شىنجاڭ» بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى.

ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى «بىز بىللە» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى. ئويۇن جەمئىي ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. 1 - بۆلەكتە «زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ شىنجاڭغا كىرىش» «داپ چېلىپ ناخشا ئېيتىش» «قاينام - تاشقىنلىق يىللار» قاتارلىق ناخشا - ئۇسسۇللار ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدىكى قايناق مەنزىرە نامايان قىلىندى. 2 - بۆلەكتە كۆرۈنۈشلۈك ناخشا - ئۇسسۇل «تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى»، ناخشا - ئۇسسۇل «تىيانشان قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىرتۇتاش»، لەپەر «ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ياخشى»دا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئىپادىلەندى. 3 - بۆلەكتە «بىر ئالاھىدە غەمخورلۇق» «قەلبكە پۈكۈش» «مېھىر - مۇھەببىتىمنى ئانا ۋەتىنىمگە بېغىشلايمەن» «تىيانشاننى قوغداش» «يىپەك يولىدا گۈللەر ئېچىلدى» «دەۋر سىمفونىيەسى» قاتارلىق نومۇرلاردا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ يېڭى دەۋردە بىر مەقسەتتە بولۇپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش گۈزەل مەنزىرىسى تەسۋىرلەندى. «گۈزەل شىنجاڭ» ناملىق ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكنى ئەۋجىگە كۆتۈردى. پۈتكۈل كېچىلىكتە كەيپىيات قويۇق بولۇپ، قالتىس نومۇرلار ئورۇنلىنىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇساپىسى نامايان قىلىندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجىغا بولغان ھۆرمەت ھېسسىياتى، پارتىيە ۋە دۆلەتكە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى، بەختلىك تۇرمۇشقا بولغان خۇشاللىق ھېسسىياتى ئىپادىلەندى.

ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شۆھرەت زاكىر، شېن يىچىن، ۋاڭ دۇڭفېڭ ۋە ليۇ جېنلى، شىنجاڭدا خىزمەت قىلغان پېشقەدەم يولداشلار ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى ئويۇننى بىرلىكتە كۆردى.