مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى
ئومۇمىي يىغىن شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. شى جىنپىڭ «تەكلىپ» (مۇزاكىرە نۇسخىسى) ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى
ئومۇمىي يىغىن جاڭ شېڭمىننى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاشنى قارار قىلدى
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى 2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى 2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى
ئومۇمىي يىغىن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش. مۇشۇ ئاساستا يەنە بەش يىل كۈرەش قىلىپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى
(2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 23 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنى 2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 23 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 168 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن 147 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.
ئومۇمىي يىغىن شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. شى جىنپىڭ «تەكلىپ»(مۇزاكىرە نۇسخىسى) ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.
ئومۇمىي يىغىن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. يىغىن بىردەك مۇنداق قارىدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن خىزمىتى ۋە تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «14 - بەش يىللىق» يىرىك پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، مىللەت روھىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، كۈرەش كۈچلىرىنى ئۇيۇشتۇردى.
ئومۇمىي يىغىن «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەسىرلىك يۇقۇمنىڭ ئېغىر زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، بىر قاتار زور خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى، پۇختا قەدەم تاشلىنىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى يېڭى سەپىرى ياخشى باشلاندى.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەلەمپەيسىمان ئىلگىرىلەيدىغان، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىدىغان تارىخىي جەريان بولۇپ، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. «15 - بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. «15 - بەش يىل» مەزگىلى دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشكە دۇچ كېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىدىغان مەزگىل. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى مۇقىم، ئەۋزەللىكى كۆپ، ئەۋرىشىملىكى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور بولۇپ، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا تىرەك بولىدىغان شارائىت ۋە ئاساسىي يۈزلىنىش ئۆزگەرگىنى يوق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئەۋزەللىكى، پەۋقۇلئاددە زور كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكى، مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسى ئەۋزەللىكى، مول ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكى تېخىمۇ نامايان بولماقتا. پۈتۈن پارتىيە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، پائال تۈردە ئۆزگىرىشنى تونۇپ، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىپ، ئۆزگىرىش ياساپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇننىڭ ئېغىر سىناقلىرىغا دادىل يۈزلىنىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خەۋپ - خەتەرنى يېڭىپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق تەكىتلىدى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى - تاشقى ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، ئىسلاھ قىلىش - يېڭىلىق يارىتىشنى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى تۈپ مەقسەت، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تۈپ كاپالەت قىلىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش شەرت.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق كۆرسەتتى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش شەرت: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇش.
ئومۇمىي يىغىن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش، جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش. مۇشۇ ئاساستا يەنە بەش يىل كۈرەش قىلىپ، 2035 - يىلىغا بارغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇراھال تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، خەلقنى تېخىمۇ بەختىيار، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىش كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاقىللىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى، سۈپەت كۈچلۈك دۆلىتى، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق سالمىقىنى ساقلاپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىنى بىر گەۋدە قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: قۇدرەتلىك ئىچكى بازار قۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېھتىياج ئارقىلىق يېڭى تەمىناتنى يېتەكلەپ، يېڭى تەمىنات ئارقىلىق يېڭى ئېھتىياج يارىتىپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنمىنىڭ، تەمىنات بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىستېمالنى زور كۈچ بىلەن جانلاندۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرو ئىگىلىكنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، تاشقى ئايلىنىشنى كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش كېرەك. ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، سودىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قوش يۆنىلىشلىك سېلىنما ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا ۋە ئىشلەشكە باب كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، رايون زور ئىستراتېگىيەسى، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسى، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ دەستىلەنمە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېشىش قۇتۇپىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىك ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە دۆلەت زېمىن بوشلۇقى سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. رايونلار تەرەققىياتىنىڭ ماسلىقىنى كۈچەيتىپ، رايونلارنىڭ ھەمتۈرتكە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئادەم ئاساس قىلىنغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دېڭىز - ئوكياننى ئېچىپ پايدىلىنىش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە يىلتىز تارتىپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىپ، قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، مەنىۋى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، قىممەت چاقىرىق كۈچى ۋە خەلقئارا تەسىر كۈچىگە ئىگە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ تارقىتىش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بارلىق كۈچنى ئىشقا سېلىش، مادارغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۆي - زېمىن كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تەرەققىيات تىپىغا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى باشلامچى قىلىپ، كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، يېشىل تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ ۋە ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش - تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يولىدا مېڭىپ، جەمئىيەتنىڭ جۇشقۇن ھەم تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كومىتېت رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن، ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تەرەپتىن كۈرەش قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن قۇرۇلۇش قىلىپ، ماشىنىلىشىش، ئۇچۇرلىشىش، ئاقىللىشىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىلغار جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش، ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي چاقىرىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى زور سىياسىي ۋەزىپىسى. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىشنى ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ياخشى تەشكىللەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرتكە بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش شەرت، پارتىيە گۈللەنگەندىلا دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى بولىدۇ. پارتىيەنى باشقۇرۇش - ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولسا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات شۇنچە كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان چىدامچانلىق ۋە قەيسەرلىك بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى تەلىپىنى قەتئىي جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش شەرت.
ئومۇمىي يىغىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرنى تەھلىل قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ماكرو سىياسەتتە سىجىل كۈچەپ، مۇۋاپىق پەيتتە سالماقنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارغا يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ «ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش» تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ - خەتىرىنى پائال، پۇختا تۈگىتىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق توپلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، تۈرلۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە كېلىپ چىقىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. يېمەكلىك - دورا بىخەتەرلىكىنى تولۇق زەنجىرلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. زىددىيەت ۋە ماجىرالارنى تەكشۈرۈش - تۈگىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش كېرەك.
ئومۇمىي يىغىن جاڭ شېڭمىننى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە تولۇقلاشنى قارار قىلدى.
ئومۇمىي يىغىن پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن يۈ خۇيۋېن، ما خەنچېڭ، ۋاڭ جيەن، ۋاڭ شى، ۋاڭ يۇڭخۇڭ، ۋاڭ تىڭكەي، ۋاڭ شىنۋېي، ۋېي تاۋ، دېڭ يىۋۇ، دېڭ شيۇمىڭ، لۇ خۇڭنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاشنى قارار قىلدى.
ئومۇمىي يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تاڭ رېنجيەن، جىن شياڭجۈن، لى شىسۇڭ، ياڭ فاسېن، جۇ جىسۇڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقتى ھەم ماقۇللىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ خې ۋېيدۇڭ، مياۋ خۇا، خې خۇڭجۈن، ۋاڭ شيۇبىن، لىن شياڭياڭ، چىن شۇتۇڭ، يۈەن خۇاجى، ۋاڭ چۇننىڭ، جاڭ فېڭجۇڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقتى ھەم ماقۇللىدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئىلگىرى چىقارغان خې ۋېيدۇڭ، مياۋ خۇا، تاڭ رېنجيەن، جىن شياڭجۈن، خې خۇڭجۈن، ۋاڭ شيۇبىن، لىن شياڭياڭ، چىن شۇتۇڭ، يۈەن خۇاجى، ۋاڭ چۇننىڭ، لى شىسۇڭ، ياڭ فاسېن، جۇ جىسۇڭ، جاڭ فېڭجۇڭغا بەرگەن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ئومۇمىي يىغىن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.