شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى
لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلار بىلەن خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى تەبرىكلەش بويىچە كۈتۈۋېلىش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىش. ئارزۇ ۋە خىرىس بىزنىڭ پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان كۈرەش قىلىش روھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ. بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.
لى چياڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. تەخمىنەن 800دەك جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زات خۇشال - خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.
خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ، خۇشال، قىزغىن بايرام كەيپىياتى ئۇرغۇپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ھەيۋەتلىك دۆلەت گېربى ئېسىلغانىدى، «2025 - 1949» دېگەن چوڭ خەتلىك يىل نامى ئوتقاشتەك قىزىل بايراقلار ئارىسىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.
سائەت 17دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شادىيانە «مەرھابا مۇزىكىسى» ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زىياپەت زالىغا كىرىپ، كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنى باشلاندى. پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى، ھەيۋەتلىك «پىدائىيلار مارشى» زالدا ياڭرىدى.
شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىنىڭ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە مەملىكەت سىرتىدىكى چياۋمىن قېرىنداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى، ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە قوللىغان دوست دۆلەتلەر ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 76 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. تارىخنى ئەسلىسەك، جۇڭخۇا مىللىتى ھالاكەت گىردابىدىن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ مېڭىپ، يول بويى جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، سانسىز جاپا - مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈردى، شۇنداقلا يول بويى تولۇپ - تاشقان ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن زەپەر مارشىنى ياڭراتتى. يېقىندا، بىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەپ، مىللەت روھىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتۇق، ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاتتۇق، كۈرەش قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە مۇجەسسەملىدۇق. تارىخىي تەجرىبىلەردىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈپ، پېشقەدەم رەھبەرلەر ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلار ياراتقان ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز گۈللەپ ياشنىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. كېلەر ئايدا، پارتىيەمىز 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرىنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى يولغا قويۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى مۇساپىدە، بىز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىنى قوللاپ، ئىقتىسادنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىشىمىز كېرەك. ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مېھمانلار، دوستلار قەدەھ كۆتۈرۈپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ گۈللىنىپ قۇدرەت تېپىشى، خەلقنىڭ بەختلىك، تىنچ - ئامان، ساغلام بولۇشىنى تىلىدى، جۇڭگو خەلقى بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە: بېيجىڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىرى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، ئىلگىرى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان يولداشلار بار.
مەركەز پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى تۆھپە كۆرسىتىپ ۋە شەرەپ كەلتۈرۈپ تەقدىرلەش - مۇكاپاتلاشقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى، مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىل زاتلار، بېيجىڭدىكى بىر قىسىم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى زاتلىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى زاتلىرى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەرقايسى خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، قىسمەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر قاتارلىقلارمۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.