
11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تايلاند پادىشاھى ۋاجىرالۇڭكورن بىلەن كۆرۈشتى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋاجىرالۇڭكورن ۋە خانىش سۇتىدا بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فېڭ شىنرەن، شاۋ يىبو) 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن تايلاند پادىشاھى ۋاجىرالۇڭكورن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: پادىشاھ ۋاجىرالۇڭكورن جۇڭگونى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغان تۇنجى چوڭ دۆلەت قىلىپ، جۇڭگو - تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان تۇنجى تايلاند پادىشاھى بولۇپ قالدى، بۇ ئۇنىڭ جۇڭگو - تايلاند مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە «جۇڭگو - تايلاند بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش»تىن ئىبارەت چوڭقۇر دوستلۇق مېھرىنى تولۇق نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ پادىشاھ ئانىسى شىلىيجيېنىڭ يېقىندا ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈپ مۇنداق كۆرسەتتى: تايلاند خان جەمەتى جۇڭگو بىلەن چوڭقۇر مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان، جۇڭگو تەرەپ بۇنى چوڭقۇر ئالقىشلايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو - تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقىنىڭ ئالتۇن 50 يىلى». دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن تايلاند ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ قول تۇتۇشۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ھەقىقىي ياخشى تۇغقان، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ كەلدى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مەن پادىشاھ ۋاجىرالۇڭكورن بىلەن جۇڭگو - تايلاند تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كېيىنكى 50 يىلدا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو - تايلاند دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى خالايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تەكلىپى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، دىققەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە مەركەزلەشتۈرۈلدى. تايلاندمۇ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تايلاند تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - تايلاند تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تايلاندنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى جۇڭگو - تايلاند ھەمكارلىقىدىن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنى بارغانسېرى يېقىن ئۆتۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تايلاند خان جەمەتىنىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تۈرلىرىنى پائال قوللاپ، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تايلاندنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
ۋاجىرالۇڭكورن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. كۆپ يىللاردىن كېيىن يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كەلدىم، جۇڭگودا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، زامانىۋىلاشقان جۇڭگو ۋە گۈزەل جۇڭگونىڭ يېپيېڭى قىياپىتى نامايان بولۇپتۇ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. تايلاند - جۇڭگو ئىككى دۆلەت يېقىن دوست، خەلقنىڭ ئالاقىسى قويۇق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى كەڭ ھەم چوڭقۇر. تايلاند - جۇڭگو ھەمكارلىقى قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق. تايلاند تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى پائال ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تايلاند - جۇڭگو دوستلۇقىنى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا ۋاجىرالۇڭكورن ۋە خانىش سۇتىدا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
ۋاجىرالۇڭكورن يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ۋاجىرالۇڭكورن بىلەن بىللە پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرى ۋە تايلاندنىڭ سۇڭشېڭ ناخشىسىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ۋاجىرالۇڭكورن شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ۋاجىرالۇڭكورن ۋە رەپىقىسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.