شى جىنپىڭ كورېيەگە يېتىپ باردى

2025-11-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن كورېيەگە يېتىپ باردى، كورېيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ پۇسان جىنخەي خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، كورېيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جاۋ شيەن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قىزغىن كۈتۈۋالدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە پۇسان، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جېڭ، ليۇ تيەن) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن كورېيەگە يېتىپ باردى، كورېيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

شى جىنپىڭ پۇسان جىنخەي خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جاۋ شيەن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى، ھەربىي ئوركېستىر يۈرۈش مارشىنى ئورۇنلىدى، ئايروپورتتا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

ئالدىن يېتىپ بارغان شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، جۇڭگونىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دەي بىڭمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

كورېيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلار ۋەكىللىرى جۇڭگو - كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، كورېيەنىڭ چىڭجوۋغا بېرىپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم كورېيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭدىن ئايرىلدى.

شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ زىيارەتكە چىققانلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ قاتارلىقلار بار.